قۇلاق سال سۆزۈمگە ئۇيغۇر قىزلىرى
ئاپتورى : مۇنىرە (چىچەك )
قۇلاق سال سۆزۈمگە ئۇيغۇر قىزلىرى ،
سەن بىلەن كۆكلەيدۇ مىللەتنىڭ تىنى .
كەيمىسەڭ ئەدەپتىن ئەخلاقتىن لىباس ،
ئۆلىدۇ كۆكلەتكەن قارىغاينىڭ جېنى .
قۇلاق سال سۆزۈمگە ئۇيغۇر قىزلىرى ،
سەن ئۇيغۇر مىللىتىم ئىپتىخار پەخرى .
كۆكلىسە دىلىڭدىن ئەخلاقنىڭ گۈلى ،
تارىلار ئەتراپقا خۇش ھىدى ،نۇرى .
قۇلاق سال سۆزۈمگە ئۇيغۇر قىزلىرى ،
شەيتاننىڭ ئوتلىرى قويمىسۇن چىرماپ.
بىھىساپ ئالتۇندەك پارلىسۇن ئەقلىڭ،
ئىچىڭنى نۇر بىلەن قويغىن قۇلۇپلاپ .
قۇلاق سال سۆزۈمگە ئۇيغۇر قىزلىرى ،
توزاق بار ھەر جايدا ئاگاھ بول ئاگاھ .
ئاڭلىما ياماننىڭ يالغانىڭ سۆزى ،
ئۆزىڭنىڭ بۇرچىنى ئادا قىل ئاداھ .
قۇلاق سال سۆزۈمگە ئۇيغۇر قىزلىرى ،
سەن كەبى ئارقاڭدا ئەگىيدۇ غەيۋەت .
ھەقىيقەت سۆيىدىن ئۇچۇملاپ تۇرۇپ،
كۆزلىگىن پارلاق ئەتىنى بەكرەك .
قۇلاق سال سۆزۈمگە ئۇيغۇر قىزلىرى ،
سەن پارلاق كەلگۈسى تارىخ ئىزلىرى.
ياراتقىن قولۇڭدىن گۈللەنگەن زىمىن ،
ئەجرىڭدە كۆكلىسۇن ھايات بىخلىرى .
2017-2-15
| 311 قېتىم كۆرۈلدى | مۇنىرە ( چىچەك ) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-26 7:41:19 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|