قەدىردان يوق

قەدىردان يوق

 

(مۇھەممەت  ئىمىن سەھرايى)   

                                                           

   قەدىرلىگىم دەيسەن سەنمۇ كۆيگەننى ،

  ئاناڭدىن ئۆزگە قەدىردانمۇ يوق.

ئەزىزلەيسەن سەنمۇ كۆيگەننى،

 ئاتاڭدىن. ئۆزگە قەدىردانمۇ يۇق.

 

   ھۆرمىتىنى قىلغىن ئاق سۈت بەرگەننىڭ،

ئۇندىن ئۆزگە قەدىردانمۇ يۇق.  

   ئەزىزلىگەن ئاتاڭنى بىلى تالغاننى،

    ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانمۇ يوق.  

 

     ئىناق ئۆتكىن بىر تۇققان بىلەن،

ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانىڭ يۇق.

ئىززەتلىگىن سەنمۇ جۇپتىڭنى،

    ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانىڭ يوق.   

 

 ئاسراپ ئۇقۇتقىن قارا كۆزبالاڭنى،

     ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانىڭ يوق. 

  ياراملىق قىلغىن يۈرەك پارەڭنى،

   ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانىڭ يوق.  

 

 قەدرىنى قىلغىن قەردى بىلگەننى،
بىلمىسە ھامان بىر كۈن بىلىىدۇ.
ئېلىپ كەتسە رەھمسز ئەجەل،
شۇندىلا قان يىغلاپ باغرى سىنىدۇ.

 

2015.8.17

شەھىدانە خوتەن





247 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 8:42:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ