چارچىدىم - مەخسۇم ئابدۇقىيىم

  چارچىدىم
مەخسۇم ئابدۇقىيىم

يۈرۈكىمدە ئاجايىپ بىر ئوت،
ئىچىم كۈيۇپ بەكلا چارچىدىم .
ئىنسان دىگەن ئاجىز بىر مەخلوق
سىرلىرىمنى دەپلا چارچىدىم.

كۆڭۇل بەرسەم ۋاپا قىلمىدى ،
دىل ئازابى يەپلا چارچىدىم ،
كىمدە باردۇ كۆڭۇل خۇشلىقى
بېھىشلاردىن كەپلا چارچىدىم.
 
باياشاتتا يۈرگىنىمۇ كۆپ،
باينىڭ كۆزى ،بۇپلا چارچىدىم.
بەرسە بەرىكەت تەڭىر يۇلغا،
كىچىكتىم مەن «ئاپلا»چارچىدىم

دوغا تىكىپ ياشلىقنى بۇگۇن،
بالا دەردى دەپلا چارچىدىم.
بىكار قىلماي دادام قۇلىنى ،
قېرى دىمەي يەپلا چارچىدىم .
     





81 قېتىم كۆرۈلدى مەخسۇم ئابدۇقىيىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-25 14:49:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ