بىزگە تېنچ دەۋران كېرەك(مۇھەممەدتوختى سەببەت )

         بىزگە تېنچ دەۋران كېرەك

مۇھەممەدتوختى سەببەت

ۋەتىنىم ئىللىق ماكانغا،ئەل سۆيەر ئوغلان كېرەك،
ساددا،ئاقكۆڭۈل ئاۋامغا ،تېنچ-ئىناق ماكان كېرەك.

تارقىتىپ بەدبۇي ھاۋا  ھەردەم كۆڭۈلنى غەش قىلىپ،
سېسىتىپ يۈرگەننى گۇم قىلماققا  ئوت -ۋولقان كېرەك!

ئىتتىپاقلىق،تېنچ ئىناقلىق بىز ئۈچۈن جاندىن مۇھىم،
جانپىدالىق كۆرسىتەرگە  ساپ نىيەت،ۋىجدان كېرەك!

بىرمىسال: يۇرتنى بوران يۇتماقچى بولسا قەھرىدە،
ئۇنى كۆكرەكتە توسۇشقا  سۇۋادان  ئورمان كېرەك!

ئەل ۋەتەن بەختى ئۈچۈن مىڭ ۋەدە  قىلغىنىڭ بىكار،
كۆرسىتىشكە ھەم ئەمەلدە  پەم  كېرەك،دەرمان كېرەك!

بولسا جۇدۇن قەھرىتاندا،ئاچ زېرىن قالغاي يېتىم،
مۇزلىغان تەنگە ئۈمىدنى ياققۇچى گۈلخان كېرەك.

توپ قوشۇن مۇھتاج ھامان بىر دانىشمەن  يولباشچىغا،
شان ئۇتۇق قۇچماق ئۈچۈن   يولباشچىدىن پەرمان كېرەك!

ھېچ سەۋەبسىز بولمىغاي تەقدىردە پۈتكەن ئىشمۇ ھەم،
يەتمەك ئۈچۈن مەنزىلىڭگە،دىت كېرەك،ئارمان كېرەك!

خىتابىمدۇر : شۇم نىيەت  تاپسۇن زاۋال ئەل بەختىگە،
بىزگە تېنچلىق ھەم ئاسايىش بەخش ئېتەر دەۋران كېرەك!

2017-5-31


مۇھەررىرى:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى.
     





54 قېتىم كۆرۈلدى tuntekin ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-4 18:47:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ