ھايات
ئاپتورى باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان مەجنۇن
ئويلىمىغان قىسمەتلەر كېلەركەن باشقا،
ئەي ئىنسان كۈلمىگىن چەكلىك ھاياتقا.
قان يىغلار بولسىمۇ ئازابتا يۈرەك،
نە سەۋەپ مەجبۇرسەن يەنە ياشاشقا.
ياشىغىن ئىززىتىڭ ھۆرمىتىڭ بىلەن،
كەمتەرلىك ئەخلاقىي پەزىلىتىڭ بىلەن.
ھاياتتا نوچىلىق كىبىرلىك قالۇر،
ياشىغىن ئۆمرۈڭدە قىممىتىڭ بىلەن.
راستچىللىق ئادەمنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى،
يۇقمىسۇن بىزلەرگە يامان يېرىقى.
ئىنسانلار ھاياتى گوياكى شامدۇر،
ئۆتمىسۇن بىھۇدە ئىنسان ھاياتى.
ھاياتقا ئۇنچىلىك كۈلۈپ قارىمىغىن،
ياخشىغا ئازابلىق زۇلۇم سالمىغىن.
كەچۈرۈش قەدىرلەش ئەخلاق پەزىلەت،
ياشىغىن ئۆمرۈڭدە قىممىتىڭ بىلەن.
تېكىست ئاپتۇرى باي خەلق ئوغلانى.تاھىرجان ھېيت مەجنۇن.
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز تارقاتماڭ.
ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتورنى ئىزدەڭ.ئۈندىدار تېلېفون.13150331763
2016 - يىلى 11-ئاينىڭ 18 - كۈنى يېزىلغان
گۈزەل باي كېچىسى
133 قېتىم كۆرۈلدى | majnuntal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-18 6:33:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|