ئەلەم قىلاركەن
ئاپتورى : شاھى مەردانى
كۆڭۈلنىڭكى كوچىسىدا بولساڭ گەر سەۋدا،
گاھ كۆيدۈرۈپ گاھ سۆيدۈرۈپ قارام قىلاركەن.
ئاشىق بولۇپ جېنىڭنى ھەم بەرسەڭمۇ يارغا،
شۇنى كۆزگە ئىلمىغىنى ئەلەم قىلاركەن.
ئەسلى ئىدى سۇنۇق كۆڭلۈم كۆرەڭ ھەم بەڭۋاش
كۆزلىرىمدە يالغان كۈلكە يۈرىگىمدە ياش.
قىلمىغانتىم بىۋاپانى ھېچكىمگە تەڭداش،
قىلغىنىمنى بىلمىگىنى ئەلەم قىلاركەن.
ئېيتتىم دىلغا بولدى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىن دەپ،
مەغرۇر ياشا كۈلۈپ يۈرگىن بولغىن تەمكىن دەپ.
ئېيتتى دىلىم قانداق ئۇنتاي مەن بىر غەمكىن دەپ،
سۆزىمگە ھېچ كىرمىگىنــى ئەلەم قىلاركەن.
كۆيگەن گۇنا مەندە بولغاچ ئويلىسام يارنى،
قەلبىم ئۇنى يۈكسەك قىلىپ بەلەن قىلاركەن.
ۋىسالغا تەڭ قەدەپ ئاپتۇ كۆڭلى يوق تۇرۇپ،
ماڭا راستنى ئېيتمىغىنى ئەلەم قىلاركەن.
2016-يىلى1-ئاينىڭ10-كۈنى
135 قېتىم كۆرۈلدى | شاھى مەردانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-11 2:28:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|