يىشىم ئوتتۇزغا يەتمەستە (شېئىر) - ئېرشات ھەسەنجان ئۈمىدۋار

 يىشىم ئوتتۇزغا يەتمەستە
ئېرشات ھەسەنجان ئۈمىدۋار
،
كۆردۈم تالاي قىسمەتلەرنى تۇغۇلۇپ،
ھاياتىمدىن قىرانلىقىم كەتمەستە.
يۈزلىرىمگە قورۇق چۈشتى ياش تۇرۇپ ،
يىشىم تېخى ئوتتۇزغىمۇ يەتمەستە.
،
ئۆتۈپ كەتتى ئوتتۇز يىلمۇ ئۈچ كۈندەك ،
بالىلىقىم كىتىپ قاپتۇ كەلمەسكە.
ئوغۇر يىلار ئىلىپ كەتسە ياشلىقنى ،
بىلمەپتىمەن مەن نىمانچە بىخەستە.
،
كۆرمەپتىمەن ھىچبىر ھوزۇر ھالاۋەت ،
بولۇپتىمەن  پۇل كويىدا ھەۋەستە.
دوسلىرىمدىن دۈشمەنلىرىم كۆپ بولغاچ،
شۇڭا ھەرچاغ يۈرمەكتىمەن پەخەستە.
،
ھالسىرىدىم يوللىرىمدا داۋان كۆپ ،
كىلەرمەنمۇ پەرۋىش قىلسا ئەيۋەشكە.
شۈكۈر دەيمەن ئەمما كۆرگەن كۈنۈمگە،
يىللار ماڭا ئوتتۇز ياشنى بەرگەشكە.
،
دائىم ھەمرا بولماس كۈلكە ئادەمگە ،
گاھ يىغلىدىم قېلىپ  قالسام ھەسرەتكە .
ئۆتتى باشتىن خېلى ئىسسىق سوغۇقلار،
يىشىم تېخى ئوتتۇزغىمۇ يەتمەستە.
     





383 قېتىم كۆرۈلدى ئېرشات ھەسەنجان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 5:28:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-22 23:46:37 nigarim
بەك ياخشى يېزىپسىز.بۇ شېئىرى ماڭا بەك يارىدى.بۇنىڭدىن كېيىن كۆپلەپ مۇشۇنداق شېئىرلارنى يېزىپ تۇرۇڭ.👏👏👏👏👍👍👍👍👍↙👍
2017-2-21 22:10:12 ئىبراھىم شەۋقى
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ