سۆيگۈ ئ‍ارىلى

سۆيگۈ ئارلى

 

 سۈكۈناتقا چۈمگەن دەقىقە،

كىرىپ كەلدىڭ قەلبىم باغاشلاپ.

 پىنھاندىكى يېڭى ئارالغا ،

 ئىلىپ ماڭدىڭ مىنى ھاپاشلاپ.

 

 تەمتىرىگەن ئىدىم گۈدەكتەك،

 تۇيغۇلىرىم ئىدى بىزۇۋان.

قارارىم يوق تەشۋىشلىرىمگە،

 غەم تۈپەيلى كۈڭلۈم دەرگۇمان.

 

 خوشلقىمنى تاپتىم سىنىڭدىن،

ئۆكسۈپ قالدى ئۆتمۈش قانالدا.

 تىنىچلانسۇن ئەمدى ئۇۋالىم،

 ئۇخلىۋالاي قىنىپ ئارالدا.

 

سۆيۈشلىرىڭ شىرىن شۇنچىلىك،

 مەلھەم بولدى مىسكىن يارامغا.

 چىللاپ ئالاي سىنى باغاشلاپ،

 باشلاۋەرگىن سۆيگۈ ئارالغا.

 

 ئۆزقىر





158 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ۆزقىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-13 10:46:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ