كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم
يىشىڭغا ياش قوشتۇق،چوڭ بولدۇڭ دەيدۇ،
كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم .
ئەمدى سەن جاپاغا يار بولدۇڭ دەيدۇ،
كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم .
كىرسەم مەن ،گۈزەل بىر باغىم ئىدىڭغۇ،
سەن مېنى ئۆرلەتكەن تاغىم ئىدىڭغۇ.
شۇ يىللار شاھىدى چاغىم ئىدىڭغۇ ،
كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم .
ئەپۇ قىل، مەن سەندىن ئايرىلار بولدۇم،
يىللارنىڭ قوينىدا ئايلىنار بولدۇم.
بىر گۈلدەك پەسلىمدىن قايرىلار بولدۇم،
كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم .
خۇش ئىدىم سەن بىرلە،شۇڭا كۈلەتتىم،
ھاياتنىڭ پەيزىنى سەندىن سۈرەتتىم.
شۇنچىلىك بىغۇبار ،تەمكىن يۈرەتتىم،
كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم .
ئويلىسام ئون توققۇز شۇنچە گۈزەلكەن،
ھاياتقا بىر گۈزەل جۈملە تۈزەركەن.
ياشلىقنىڭ كۆلىدە شۇنچە ئۈزەركەن ،
كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم .
كىرەلمەس بولدىمغۇ شۇگۈزەل باغقا،
چىقالماس بولدۇم ھەم شۇ ئىگىز تاغقا.
بىلمىدىم ،مەنزىلىم قايسى بىر ياققا،
كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم .
ياشلىقىم سەن بىلەن مەنالارغا باي،
ئۆمۈرۈم سەن بولغاچ ئاسمانلارغا ئاي.
بىلمەيمەن،بولامدىم چىپىپ ياكى تاي ،
كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم .
تۇيۇقسىز كەپسەنغۇ يىگىرمە يىشىم،
پىشمىغان مىنىڭكى سەندىكى ئىشىم.
مەن كىتەي، كەتمىسەم ،كىتىدۇ بىشىم،
كەچۈرگىن، مەن كەتتىم ئون توققۇز يىشىم .
-ئىرپان نەبى
2016-يىلى 25-ماي غۇلجا