چۈشلىرىمگە كېرىپسەن ئانا
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
نەسىر
چۈشلىرىمگە كېرىپسەن ئانا . بۈگۈن كىچە سىنى چۈشەپ قاپتىمەن ، سەھەردە ھەممە تىمتاس ۋاقىتتا ئورنىڭدىن تۇرۇپ ، سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ پىشانىسىگە مىھرىڭ بىلەن سۆيۈپ ، قورۇق باسقان ياداڭغۇ قوللىرىڭ بىلەن يۈزلىرىمىزنى سىلاپ ، ئۇزاقتىن - ئۇزاق تىكىلىپ تۇرۇپسەن ، ئاندىن ئىغىر ئۇھسىنىپ چىقىپ كېتىپسەن . مەن سېنىڭ چىقىپ كەتكەن ئاياق تىۋىشىڭدىن ئويغۇنۇڭ سېنىڭ نىمە قىلماقچى بولغىنىڭنى بىلمەكچى بولغىنىمدەك ساڭا ئىز بىسىپتىمەن .
سەن سۈكۈت ئىچىدە ئالدىراش ھالدا ئۆز ئىشلىرىڭ بىلەن مەشقۇل بولۋاتقان ئىكەنسەن . مەن سېنىڭ بايقاپ قىلىشىڭدىن ئەنسىرەپ ئوغرى مۈشۈكتەك تىمسىقلاپ يۈرۈپ ساڭا قاراپ تۇراتتىم . سەن ھويلا - ئاراملارنى تازلاپ بولۇپ ، يىڭىلا سىلىنغان قىتىق ، چاي ۋە قىززىق ئوتنىڭ ھارارىتىدە چۆكۈپ - تەرلەپ قىزارتىپ ياققان نانلىرىڭنى ھويلا ئىچىدىكى ئەتراپى گۈللەر بىلەن تولغان كارۋات ئۈستىگە قويۇپ ئۈستىنى چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن يوپۇقلار بىلەن چۈمكەپ قويدۇڭ دە ، ئارقا ھويلىدىكى ئوتاق ئوتاشقا ئىشلىتىدىغان ئوتۇغۇچلىرىڭنى ئىلىپ چىقتىڭ دە بىزنىڭ ياتاق ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىڭ . مەن سېنىڭ بايقاپ قىلىشىڭدىن قورقۇپ دەرھال دۈم يىتىۋالدىم . سەن كىرىپ مەن ئالدىراشلىقتا يىپىشقا ئۈلگۈرمىگەن يوتقىنىمنى يىپىپ ، كالامپايلىقىمدىن ھۇدۇقۇپ چىچىۋەتكەن كىتابلىرىمنى رەتلىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى يىنىك يىپىپ چىقىپ كەتتىڭ . مەن چىقىپ كەتكىنىڭنى پەمىلەپ ئورنىمدىن تۇردۇم ، بۇ ۋاقىتتا ياستۇقۇم ياشلىرىم تەرپىدىن ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى .
مەن ئورنىمدىن تۇرۇپ ئالدىراشلىق بىلەن ئەتىگەنلىك ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ ساڭا ئوخشاشلا سىڭلىمنىڭ يىنىغا كېرىپ پۇرلىشىپ كەتكەن يوتقانلىرىنى ئوڭشاپ قويدۇم ۋە پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدۇم . ھويلىغا چېقىپ سەن تەييارلاپ قويغان ناشتىلىقلارغا قاراپ قويۇپ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتىم . سەن بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئىتىزلىققا بىرىپ ئەمگىكىڭنى باشلىۋەتكەن ئىدىڭ . مان ساڭا كۆرۈنمەي بىردەم قاراپ تۇردۇم .
توپا كىچىپ ئەمگەك قىلۋاتقان سىمايىڭ ، قوناقلار ئارىسىغا چۆكۈپ ئوت - چۆپلەرنىڭ قورىغىلىرىنى سۇندۇرۇپ زىرائەتلەرگە ئارام بەخىش ئاتا قىلۋاتقان ئىدىڭ . راس سېنىڭ ئىشتىياق ، زۇقۇڭ بىلەن قىلغان ئەمگەكلىرىڭدىن جاپالارنىڭ تىنى كۈكۈم - تالقان بولاتتى . پىشانەڭدىن ئاققان بىر تامچە تەرمۇ زىمىن باغرىنى ئىللىتىدۇ .راس ئانا ، سەن قازان بىشىنىڭ ، شۇ كەتمەنلەرنىڭمۇ مەڭگۈ چارچىماس ، ھاردىم - تالدىم دىمەس خىزمەتكارى ئىدىڭ !
مەن شۇنچە ئازاپلانساممۇ ئۆزۈمنى بىسىۋالغان ھالدا يەنە ساڭا قارىدىم . چىھرىڭگە ئىز سالغان قورۇقلار ، توپىلار شەبنەم بىلەن بىرلىشىپ لاي بولۇپ قاتقان قوللىرىڭ ، مۈكچىيىپ ئەمگەك قىلۋاتقان تۇرقۇڭ .....بۇلار سېنىڭ ھالال ئەمگەك بىلەن ياشاپ كەلگەن ، ئاقكۆڭۈل ، پىشقان ئايالىقىڭنىڭ يالدامىسى بولسا كېرەك .
راس ئانا ، ھەرخىل نىمەتلەر پۈتۈپ چىقىدىغان ، ئەمما ئىغىر ئەمگەكتە تاۋلىنىپ چىققان قوللىرىڭ قاتتى ھەم يىرىك بولىشىغا قارىماي ماڭا شۇنچە مىھىرلىك بىلىنىدۇ .
بىلەمسەن ئانا ، سېنىڭ ئىمان - ئىدقاد سۈيىدە يۇغۇرىلغان شۇ جەزبىدارلىقىڭ مۇشۇ خاسلىقىڭ بىلەن جۇلالىنىدۇ .
مەن مۈكۈنۈپ ساڭا قاراپ تۇرغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا بۇلارنى خىيال ئەينىكىمدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدىم . ئاخىرى چىدىماي سېنىڭ يىنىڭغا بىرىپ سىنى بار كۈچۈم بىلەن قۇچاقلىۋاپتىمەن ئانا !!!
سېنى قۇچاقلىغان ھالدا ئۆز يىغىلىرىمدىن ئويغىنىپ كەتتىم . قارىسام يات بىر شەھەردە ، مەكتەپ ياتىقىمدا يىتىپتىمەن . تۇرۇپلا چۈشلىرىمدىمۇ سىنى كۆرگىنىمدىن ھۇزۇر ھىس قىلىپ ساڭا تىلفون قىلدىم ....
توغرا ئانا ، يىللار قانچە تىز ئۆتسىمۇ سەن يەنىلا ئۇلارنىڭ بوينىغا ئىز تامغۇلىرىڭنى ، ئوتلۇق قەدەملىرىڭنى ئۇرۇشتىن مەھرۇم قالمىدىڭ . ئاق ئارلىغان چاچلىرىڭ ، مەن سوغا قىلغان روماللىرىڭ ئاستىدىن كۆرۈنمەي قالىدۇ . بىلىپ تۇرۇپتىمەن ، سەن ھازىرمۇ شۇنچە ئالدىراش ، لېكىن شۇ ئالدىراشلىقىڭ بىلەن سەن تىخىمۇ گۈزەل ئانا !!!!!
ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420589
2017- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ، ئۈرۈمچى
| 192 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-6 11:27:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|