نورۇز
قەلەمدە:مىھىرنىسا قۇربان
كەلدى نورۇز ئىللىدى جاھان،
ئىللىقلىقتىن تىنىم يايرىدى ·
ھەممە يەردە چىچەك ئىچىلىپ،
كۈلۈپ ھەريان قۇشلار سايرىدى·

ئىلىپ شۇدەم دىھقان ئاكىمۇ،
قوللىرىغا گۈرجەك كەتمەننى ·
ئىتىزىغا ماڭدى ئالدىراپ ،
تەرمەك ئۈچۈن بۇغداي قوناقنى·

باغقا كىرسەم باغلار گۈزەلدۇر،
ئىچىلىپتۇ رەڭمۇ رەڭ چىچەك ·
كۆڭلۈم ھەم سۆيۈندى شۇنچە،
تىپچەكلىدى سوقۇپ شوخ يۈرەك ·

نورۇز دىگەن مىھرى مۇھەببەت،
نورۇز دىگەن باغدا گۈل چىچەك ·
نورۇز بىلەن كۈلەر يەر جاھان ،
نورۇز دىگەن ھاياتقا بىزەك ·

نورۇز بەرگەن گۈزەللىك بىلەن ،
ھاياتلىقتا ياشايمەن شۇنداق·
تارقىتىمەن مىھرى مۇھەببەت ،
نورۇزۇمدەك چىچىپ خۇشپۇراق ·
2016-3-20
| 254 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-20 22:30:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-4-14 17:21:54 | نەفىسە | 
| بۇ شېئىر ئاپتۇرنىڭ دەسلەپتە يازغان شېئىر | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |