بىر مىنۇت
ئەزىز ئەركىن 《ئېقىن》
شوخ كەيىپتە دوسلىرىم ئولتۇرماقتا قاۋاقتا،
قۇيۇلماقتا ھاراقلار قىرلىق رۇمكا تاۋاقتا.
مەس بولغانلار گىرەسىپ ئاشىق مەشۇق پىراقتا،
ئايرىمىخانە تىتىرەر ئەبجەش ناخشا چىراقتا.
مەنمۇ كىرىپ سۇرەيچۇ ھايات پەيزى بىر مىنۇت.
ئىچمەيدىكەن دەپ مىنى چاقچاقلارغا قاتمىغىن،
ئوزۇڭ ئىچىپ ھاراقنى قاۋاقلاردا ياتمىغىن.
چاپان سىلىپ كەيىپتە دوسلارغا مۇش ئاتمىغىن،
كوچا كويدا لاغايلاپ ئىناۋەتنى ساتمىغىن.
توختاپ قالغىن ئىچىشتىن ئارام ئالغىن بىر مىنۇت.
ئاران تاپقان مۇئاشىڭنى بىكارغىلا سىپ بەرمە،
كىچىك خوتۇن قىزلارغا ئالتۇنلارنى ئىپ بەرمە.
خوتۇن ئەتكەن تاماقنى ئالۋاڭغىلا يەپ بەرمە،
جىدەل تىرىپ سىرىتتا چۇڭلارغا ئىش تەپ بەرمە.
ئائىلەڭ بار جان دوستۇم ئويلاپ باققىن بىر مىنۇت.
سورۇن تۇگەپ قايتقاندا ئاران ئىچىپ كۆزۇڭنى،
تونىمايدۇ جانانمۇ پۇل بولمىسا ئۆزۇڭنى.
خوشمۇ دىمەس ھەتتاكى ئاڭلىمايدۇ سۆزۇڭنى،
كەيىپ بولۇپ ئازمىغىن كۆتەرگىنە بىشىڭنى.
خوتۇن ساقلار كىچىچە كىرپىك قاقماي بىرمىنۇت.
ماڭالمايسەن ئىغاڭشىپ، ھەر دوقمۇشتا بىر يىتىپ،
يانچۇقلىرىڭ قۇپ قۇرۇق ئاياغمۇ يوق لاي پىتىپ.
تاپالمايسەن ئۆيۇڭنى سەھەرگىچە ئىشك قىقىپ،
ۋە بەزىدە ساقچىدا قاراڭغۇ ئوي كات تىتىپ.
يالۋۇرىسەن ئەتىسى نەچچە نەچچە بىرمىنۇت.
ئويگە كىرسەڭ ئەتىسى بالاڭ يىغلاپ ياتىدۇ،
مەكتەپ دىگەن 《پىلانغا》باشلىرىڭ بەك قاتىدۇ.
خوتۇنىڭمۇ تەلمۇرەر ، قولۇڭ باشقا پاتىدۇ،
يالۋۇرساڭمۇ ئۇلپەتكە، سۇمۇ سايغا ئاقىدۇ.
تۇرۇپ قالدىڭ بىرھازا بىشىڭ قايدى بىر مىنۇت.
ئويلاپ باققىن ئەي دوستۇم ئوي تۇتمىقىڭ ئاسانمۇ،
كىرسەڭ كۆڭۇل كەينىگە ئاسالمايسەن قازانمۇ،
كىچىدىكى ھەمراھلار ساڭا كۇڭۇل بىرەرمۇ،
بارالمايمەن سورۇنغا خىجىل قىلىما مىنىمۇ.
ۋىجدانىڭدىن سوراپ باق، ۋاقتىڭ چىقسا بىرمىنۇت.
پوسكام 2015/12/5
117 قېتىم كۆرۈلدى | ئەزىز ئەركىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-16 3:09:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|