ساۋاقداشلار
ئابلىمىت ئابلا
ئەسسالام دەپ ھەرسەھەركۈندە،
كۆرۈشىمىز كۈلۈپ ساۋاقداش.
بىرگە ئۆگۆنۆپ يانمۇيان تۇرۇپ،
ئىشنى ئالغا سۈرۈپ ساۋاقداش .
تاپشۇرۇقنى ئىشلەيمىز كۈندە،
گەر يېقىلساق يۆلەيمىز بىرگە.
ھېيىت-ئايەمدە، خۇشال كۈنلەردە،
قەنت-ناۋاتنى چىشلەيمىز بىرگە.
ساۋاقداشلىق مىھرى بەك چوڭقۇر،
يېقىنلىقتا يۈرەكلەر پارە.
بىرئائىلە سىنىپ ئورنىمىز ،
ساۋاقداشلار تۇققاندىن چارە .
قەدىرلەيلى ساۋاقداشلىقنى،
ئاڭا مەڭگۈ ئۈششۈك تەگمىسۇن.
پورەكلىسۇن مېھىر گۈللىرى،
ئۇنىڭ شېخىن ھىچكىم ئالمىسۇن .
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
| 136 قېتىم كۆرۈلدى | urtanma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-2 1:03:12 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|