كېچىگە جاۋاپ  - مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)

         
كېچىگە جاۋاپ
 
مۇھەممەتجان ئەخەت  (پېقىر)
 
كېچە...
مېنى ئۇيقۇسىزلىققا مەھكۇم قىلىپ،
كېچە...
ھەممە خىيالغا مېنى جۆر قىلىپ.
 
غېنى سەمەتكام شۇنداق دەيدىغان...
«ئۇخلاش كېرەك»...
لىكىن خوپ قىيىن،خىيالدىن كېچىش،
ئازاپتىن كېچىش،
كېچىدىن كېچىش...
 
كۆز قىزىرىپ قاننىڭ رەڭگىدە،
شەپەق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتتى،
كېچە بىلەن مەن تۇتۇشقان كەبى.
سەگەك مىنۇتلارنىڭ ئەجىلى توشتى...
 
 
كېچىمۇ مەندەك ئۇيقۇسىز كەتتى.
دىمەك تەڭلەشتۇق.
 
يەنە بىر مەرتە تۇتۇشماق ئۈچۈن
يەنە بىر كۈندۈزدىن ئۆتمىكىم بەرھەق.
 
خەيىر كېچە ...
مەن قۇياشنى سۆيگىلى كەتتىم.
 
2016-10-22

     





88 قېتىم كۆرۈلدى pekir ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-24 3:54:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-26 0:56:51 buhalqam
ras gap kisam bu qaqma xiergzni taza quxanmidim
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ