دەردى بار ھەركىمنىڭ يىتىپ ئاشقۇچە
بىرلىرى ئۇخلىماس تاڭلار ئاتقۇچە،
بىرلىرى ئىشلەيدۇ قۇياش پاتقۇچە.
توققۇز ياش،ئوتتۇز ياش،توخسان ياشقىچە،
دەردى بار ھەر كىمنىڭ يىتىپ ئاشقۇچە.
رەنجىشنىڭ ئورنىغا چۈشىنىپ بىقىڭ ،
دەرگۇمان بولغۇچە ئىشىنىپ بىقىڭ،
دوست ،يارەن بىرلىكتە خۇشاللىق تىپىڭ،
دەردى بار ھەر كىمنىڭ يىتىپ ئاشقۇچە.
ناخشىچى،خىزمەتچى ۋە ياكى ساقچى،
كەينىدىن كوتۇلدار نامەرت غاجاقچى،
بىرىنى كۆكچى دەر ،بىرىنى ئاقچى،
دەردى بار ھەر كىمنىڭ يىتىپ ئاشقۇچە.
ئۇيقۇغا قانماستا سۈزۈلىدۇ تاڭ،
بىر سادا كىلىدۇ: تىزراق ئىشقا ماڭ،
ئاغرىنار ھەمىشە ئۇ «جاڭ»،يا بۇ«جاڭ»،
دەردى بار ھەركىمنىڭ يىتىپ ئاشقۇچە.
بىر ئايدا بەش كۈنمۇ بولماس ئاراملىق،
بىر شۇئار ئىشلىگىن،ئىشلە داۋاملىق،
ئارزۇ دەپ ئۈمىدتە بولدۇق چىداملىق،
دەردى بار ھەر كىمنىڭ يىتىپ ئاشقۇچە .
دوست- يارەن دىدارسىز ئۆتەر نەچچە ئاي،
ئىچەلمەي ئولتۇرۇپ بىر پىيالە چاي،
ئۆزگىنى چۈشەنگەن ھەممىلەردىن باي،
دەردى بار ھەر كىمنىڭ يىتىپ ئاشقۇچە .
يۈسۈپجان قەلىمى
2016.10.7
188 قېتىم كۆرۈلدى | يۈسۈپجان ئايكىپە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-7 20:47:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|