ئاشىق نىداسى
ئادىلجان ئابدۇقەييۇم
تارتمىغان دەرت -ئەلەم ،جاپا قالمىدى،
يۈرەكتىن سۆيگەنلەر كەتتى ئالدىدى.
ياراتقان ئىگەم  يا جاننى ئالمىدى ،
ئۇنۇتماق تەس ئىكەن تۇنجى سۆيگۈنى.
يۈرەكتىن سۆيگەنتىم كۆڭۈل بەرمىدى،
ئاي، يىلدا بىرەر رەت ئىزدەپ كەلمىدى .
مەن غېرىپ ئاشىقنى كۆزگە ئىلمىدى،
ئۇنۇتماق تەس ئىكەن تۇنجى سۆيگۈنى.
ياش تۇرۇپ تارتمىغان ئەلەم قالمىدى ،
دۈشمەنگە چاندۇرماي تىنىم يايرىدى.
بۇ كۆڭۈل ۋاز كەچتى ئەمما  تانمىدى ،
ئۇنۇتماق تەس ئىكەن تۇنجى سۆيگۈنى.
      
| 71 قېتىم كۆرۈلدى | sahraogli | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-3 22:35:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |