ئېلىپ كەت

ئېلىپ كەت

axik0403

ماڭا بەرگەن ئازاپلىرىڭ بۇ ئۇنتالمىدىم ئېلىپ كەت،
ئەمدى ماڭا كۈرۈنمىگىن ھەي يىراقلارغا ئۇچۇپ كەت.


ئۇچۇپ كەتسەڭمۇ كەت يىراقلارغا كەلمەس بۇلۇپ،
ئەمما لېكىن ماڭا قالدۇرغان كۆزياشىڭنى ئېلىپ كەت.



كۈلۈپ قۇيۇپ چىرايلىققىنە،ئوتنى سالدىڭ يۈرەككە،
ئەمدى بۈگۈن كەتسەڭ ئەگەر ئاشۇ ئوتنى ئېلىپ كەت.


قىينىما ھەي يارىم كەتسەڭمۇ گەرچە ھەم يىراق،
پىغانلىق كۆزياشىمنى ھەم ھەسرەتلەرنى ئېلىپ كەت.


يۈرۈگۈم قالدى سەندە يالۋۇرۇپ تەلمۈرۈپ يار،
تىزلىنىپ يالۋۇراي يايرىم يۈرۈگۈمنى ئېلىپ كەت.


كەتسەڭمۇ كەت كەتسەڭمۇ كەت يىراقلارغا ئۇچۇپ كەت،
گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ دەرىتلىرىمنى ئېلىپ كەت.





222 قېتىم كۆرۈلدى 18399249924 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-30 18:57:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ