مەن مۇشۇنداق كۈلۈشلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن
ياپراق
يىغلاۋېرىپ ياشلىرىممۇ قۇرۇپ كەتكەن،
سوغۇقلاردا كۆڭۈللىرىم سوۋۇپ كەتكەن،
ئازابلاردا خۇشاللىقىم توزۇپ كەتكەن،
ھىجرانلاردا كۈلكىلىرىم ئۇچۇپ كەتكەن،
مەن مۇشۇنداق كۈلۈشلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن.
ھالسىزلاندىم مۇھەببەتنىڭ قۇلى بولۇپ،
مۇھەببىتىم ۋاپاسىزنىڭ ئۇلى بولۇپ،
قان-تەرلىرىم ئاچكۆزلەرنىڭ پۇلى بولۇپ،
تاتلىق جېنىم ئادالەتنىڭ خۇنى بولۇپ،
مەن مۇشۇنداق كۈلۈشلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن.
سىڭگەن ئەجىر- مېھىرلەرنى قايتۇرالماي،
ئىسسىق چاينى پىيالىدە ھەم سۇنالماي،
مېھرىم بىلەن چىراقلارنى ياندۇرالماي،
ھەق سۆز بىلەن باتۇرانە دەست تۇرالماي،
مەن مۇسۇنداق كۈلۈشلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن.
كۈلكەم بىلەن ئۆزگىلەرنى كۈلدۈرەلمەي،
تەرىم بىلەن بىر تال گىياھ ئۈندۈرەلمەي،
يۈگۈرۈپ بېرىپ قېرىندىشىم يۆلىيەلمەي،
كۆڭلى ئېلىپ ياخشى سۆزنى سۆزلىيەلمەي،
مەن مۇشۇنداق كۈلۈشلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن.
ئىشەنچ بىلەن يىراق نىشان كۆزلىيەلمەي،
يىگىت بولۇپ قاتتىغاراق دەسسىيەلمەي،
مەن ئۆزۈمنى كۈلۈشلەرگە كۆندۈرەلمەي،
شۇ ئوت ئۈچۈن ھەم ئۆزۈمنى كۆيدۈرەلمەي،
مەن مۇشۇنداق كۈلۈشلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن.
2016-يىل7-ئىيۇن
224 قېتىم كۆرۈلدى | 1838207873 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-23 10:13:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|