بىللە ئېلىپ كەت قەبرەڭگە ئانا

بىللە ئېلىپ كەت قەبرەڭگە ئانا


ئاپتۇرى: ئېھسان(ئاۋات)


يالغۇز قۇيۇپ تاشلاپ كەتكۈچە،

يىتىملىكنىڭ دەردىنى تاتقۇچە،

ئاھ ئانا دەپ ھەسرەت چەكۈچە،

بىللە ئېلىپ كەت قەبرەڭگە ئانا.


ئۆگەي ئانىغا خار بولدۇم مانا،

مىنى نىمىشقا تاشلىدىڭ ئانا.

نەچچە كۈن ئاچ قالدىمغۇ يانا،

بىللە ئېلىپ كەت قەبرەڭگە ئانا.


سەن كىتىپلا يالغانچى بولدۇم،

ساراي ئەمەس تالادا قوندۇم.

كىچە ئېتزدا باشاقنى سويدۇم.

بىللە ئېلىپ كەت قەبرەڭگە ئانا.


جاپا تارتىپ سەنسز ياشىغۇچە،

تاغ-داۋاننى سەنسز ئاشقۇچە.

ئەلەم تولدى ئاياقتىن باشقىچە،

بىللە ئېلىپ كەت قەبرەڭگە ئانا.


ئۆيگەي ئانىغا كۈندە خار بولدۇم.

ئىش ئەمگەككە ئاشىق يار بولدۇم.

ھەممە ئىشنى ئىگەمگە قويدۇم،

بىللە ئېلىپ كەت قەبرەڭگە ئانا.


2015/9/30





162 قېتىم كۆرۈلدى ihsan571633 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-30 9:24:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ