كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە ئانا
ئاپتۇرى مۇھەممەد ئەلى ئابلىكىم كارۋانچى .
1
قەلبىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سولتانىم سەن مەڭگۈگە .
كۆز ياشلىرىم شەبنەمدۇر قەبرەڭدىكى گۈللەرگە.
ئاھ ئەجەپمۇ سېغىندىم يەتمەپتىمەن قەدرىڭگە .
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە.
2
ھايات چېغىڭدا سولتانىمدىڭ سەلتەنەتلىك تەختىمگە.
ئەسلا كىرگۈم كەلمەيدۇ بۇ يىگانە كەپىگە.
سېغىنىمەن توختىماي كىرگىن ئانا چۈشۈمگە.
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە .
3
ئەمدى باقاي دىگەندە كىتىپ قالدىڭ باقىگە.
خۇشاللىقىم سەن ئىدىڭ مىنى قويدۇڭ ئەلەمگە.
تۈنۈگۈنكى سەلتەنەت ئايلاندىغۇ خارابىگە.
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە.
4
ئانا ئۆزگىلەر ھەسەت قىلغان ئىدىغۇ بەختىمگە.
سەن كىتىپلا ئايلاندىم بىر كىچىدە يىتىمگە.
يىغلىۋالاي جان ئانا قۇيۇپ بەرگىن مەيلىمگە.
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە.
5
ئازار بەرسە ئۆزگىلەر يارا بولغان قەلبىمگە.
بىر ئېغىز گەپ ئارتۇقچە ئازار يىگەن دىلىمگە.
رەھىم قىلار كىم ئەمدى مەندەك ئاجىز مىسكىنگە.
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە .
6
بەخت تىلىگەن جان ئانام دۇئا بەرگەن بەختىگە .
ئەسلەپ ئۇيقۇم كەلمەيدۇ سۈيۈپ قويغان مەڭزىمگە.
ئانا قەدرىڭ ئۈتۈلدى ئوت تۇتاشتى باغرىمگە.
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە .
7
يۈرۈگۈم لەختە قان قاراپ سىنىڭ سۈرتۈڭگە.
چاڭ سالمىسۇن شاماللار سىنىڭ باسقان ئىزىڭگە.
قانالمىغان ئوغلۇڭ مەن ئىللىق ھىدىڭ مىھرىگە.
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە .
8
ئانا سەنسىز ئۆي ئىچى گويا بولدى زىمىستان .
ئۆيلەر گۇيا كۈزۈمگە كۈرۈنمەكتە مۇز ئوكيان.
يىتىم قالدۇق پەرزەنتىڭ بىر بىرىدىن ناتىۋان .
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە .
9
ئانا سەنسىز ئۆي ئىچى تولدى چەكسىز ھەسرەتكە.
رازى بولغىن جان ئانا بىزنى باققان ئەجرىڭگە.
يىغلاپ قالدىم ۋاي ئىسىت ئامال يوقكەن ئەجەلگە.
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە .
10
مۇمكىن بولسا قايتىشىڭ سېتىپ ئالاي مىليۇنغا.
زەر دۇردۇندىن جاي راسلاي كۆرپە سالاي ئاستىڭغا.
يەتمەپتىمەن قەدرىڭگە كىرىپ شەيتان كەينىگە .
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە .
11
ئانا بىزنى تاشلاپ كەتتىڭ ئازاپ سالدىڭ قەلبىمگە.
ئۈتۈلمەكتە قەدرىڭمۇ سەبىي كىچىك نەۋرەڭگە.
يەنە قانداق كۈن كىلۇر بىز يىتىملەر باشىگە.
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە .
12
يالغۇز قالغان جان دادام تەلمۈرەرمۇ ئىشككە.
نەدىن مەلھەم ئىزدەيدۇ جاراھەتلىك قەلبىگە.
چىدىمىدىم جان ئانا تەن بىرەمدىم تەقدىرگە.
كىتىپ قالماس دەپتىمەن بۇنچە بۇرۇن قەبرىگە .
ئاپتۇرى مۇھەممەد ئەلى ئابلىكىم كارۋانچى .
ئۈندىدار 18016934383
بارلىق مىھرىبان ئۇلۇغ ئانىلارغا بېغىشلايمەن.
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.
كارۋانچى .
| 78 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەلى ئابلىكىم كارۋانچى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-25 18:25:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|