ۋاقىتلىق ئايرىلغان بىر جۇپلەرگە بېغىشلايمەن

 ‏ئايالىمغا ۋە بىزگە ئوخشاش ۋاقىتلىق ئايرىلىپ قالغان بىر جۈپلەرگە بېغىشلايمەن
ئا.خىلىل تەۋەككۈل
تەكلىماكان مۇساپىرى

نىئمەتلەرنىڭ كاتتىسى سەن جۇپتى ھالالىم،
سىنىڭ بىلەن كامىل پۇتۇن مىنىڭ ئىمانىم،
پەرزەنتىمنى تەربىيلەشتە توھپەڭ ئاز ئەمەس،
جەننەتنى بەرسۈن بىزلەرگە ئۇلۇغ خۇدايىم.

يالغۇز قېلىپ تۇرمۇشتا قىينالساڭمۇ سەن،
ئېتىزلارنىڭ ئىشلىرىدا ئىزىلسەڭمۇ سەن،
تەنە قىلىپ كەتمىدىڭ،ئېيتقىن نىمىشقا،
دۇئا قىلىپ يىغلا خۇدا بىزنى قىلسۈن جەم.

بالام كىلىپ دادام دەپ سورىغان چاغدا،
ئەسلەپ مىنى كۆزلىرىڭگە ياشلار كەلگەندۇ،
ھېيت -ئايەم سورۇنلاردا بوش قالسا ئورنۇم،
سەبىر تىلەپ ھەم تىللىرىڭ زىكرى ئېيتقاندۇ.

سەبىر قىلغىن مەيۇسلەنمە بولغىن ھايالىق،
سەبىر قىلىپ ئەمەل قىلغىن جەننەتكە لايىق،
بولمىسىمۇ سەبىر قىلىغىن جۇپتۇڭ قېشىڭدا،
ياخشىلىقتا جەم قىلار بىر كۈنى خالىق.
     


     





36 قېتىم كۆرۈلدى teklimakan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-15 12:11:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ