خارلانغان ئەقىدە

خارلانغان ئەقىدە

 

ئىزلەپ يۈرۈپ دوستلۇق -مۇھەببەت،

 ئىرىشكىنىم ئازاپ- پۇشايمان.

ساختا دوستلۇق ساختا مۇھەببەت،

 يارىلانغان يۈرەكتىن تامچىلايدۇ قان.

 

 ھەقىقى مۇھەببەت ھەقىقى دوستلۇق،

 قەلبىمنى مۇشۇ سۆز ئوۋلىغان چىغى.

 ئۆزگىلەرنى ئوخشاتقاچقا ئۆزۈمگە،

قالدى يۈرەكتە پۇشايمان دىغى.

 

بەزىلەر بۇ سۆزنى دەستەك قىلغاندا،

 ئىشىنىپ قەلبىمنى قىلىپتىمەن ئىزھار.

بۇ سۆز قەلبىمنى قىلغان چىغى مەست،

 ئويلىمىغان ئىكەنمەن قىلارىنى خار.

 

ھەقىقى دوستلۇق يوق دىسە بىراۋ،

ئاغزىڭغا زەھەر دەپ قىلغانتىم غەزەپ.

 بۇ سۆز ماڭا قىلدى ساتقىنلىق،

 ئاھ ئىسىت ئەقىدەمنى خارلىدى ئەجەپ.

 

 يىزىلغان ۋاقتى؛2005-يىلى12-ئاي

 مەمەتجان ئەمەت





177 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-11 0:57:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ