يامغۇرلۇق كېچىدىكى سېغىنىش

يامغۇرلۇق كېچىدىكى سېغىنىش

 

 ئ‍ەسقەر قۇربان

 

 سىم -سىم يامغۇر چۈشتى تامچىلاپ،

 سېغىنىشنى ئ‍ەسلىتىپ ماڭا.

 سەنمۇ بەلكىم سېغىنغانسەنمۇ؟

 راس گېپىڭنى ئ‍ېيتقىنا نىگار.

 

 بۈگۈن ئ‍اخشام يامغۇرلۇق كېچە،

 ساقلىدىڭمۇ پىنھاندا مېنى.

مەنمۇ شۇنداق ئ‍اۋالقىدەكلا،

 ساقلىدىممەن دالدىدا سېنى .

 

 مەن ساقلىدىم سېنى بەك ئ‍ۇزاق،

چىلىق چىلىق سۇغا چىلىنىپ.

ئ‍اخىر كەلدىڭ يېنىمغا ئ‍استا،

تولۇن ئايدەك ناز بىلەن بىقىپ.

 

 ( كۈندىلىك خاتىرەمدىن )

 ئ‍اقسۇ-كەلپىن 2015.6.24





194 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-2 12:05:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-7 19:05:42 ئ‍ىقبال
ھىچكىم ئ‍ىنكاس يازماپتۇدە!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ