نومۇس قىلما دېھقان داداڭدىن
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى
«بىر قىزغا »
تەننازلىقىڭ ناندىن ئايرىلماس ،
نانسىز ھايات خەيرلىك بولماس.
نان دېھقاننىڭ ئەجرىگە قانماس ،
نومۇس قىلما دېھقان داداڭدىن !
داداڭ دېھقان بولسا ھېچ گەپ يوق ،
ھۇرمەت باركى ئاڭا نەپرەت يوق .
نومۇس قىلساڭ سەندە ئەدەپ يوق ،
نومۇس قىلما دېھقان داداڭدىن !
داداڭ بارىدا قەدىڭ زەر - ئالتۇن ،
داداڭ بارىدا ھۇرمىتىڭ ئۈستۈن .
داداڭ بارىدا ئۇلاغىڭ پەيتۇن ،
نومۇس قىلما دېھقان داداڭدىن !
داداڭ سېنى پەپىلەپ باقتى ،
بىر كۈن ئەمەس ئاي - يىللاپ باقتى .
جان بالام دەپ ئەركىلەپ باقتى ،
نومۇس قىلما دېھقان داداڭدىن !
داداڭنى سۆي ھۇرمىتىنى قىل ،
باقمىساڭمۇ قىممىتىنى بىل .
بولماس پەرزەنت سېنىڭدەك رەزىل ،
نومۇس قىلما دېھقان داداڭدىن !
دادىسىز ئاي - كۈنلەرمۇ تۇتۇق ،
دادىسىز دىل - كۈڭۈللەر سونۇق .
داداڭ قۇياش چاچىدۇ يۇرۇق ،
نومۇس قىلما دېھقان داداڭدىن !
داداڭغا بەر مېھرىڭنى قانسۇن ،
لەۋلىرىدىن شاتلىقى تامسۇن .
چېھرى ئەمەس يۈرىكى يانسۇن ،
نومۇس قىلما دېھقان داداڭدىن !
| 422 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-14 14:18:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-12-4 15:14:09 | رۇداك | 
| دېھقان ئاتىلارغا بولغان مىھر ،ھۇرمىتىڭدىن بەك پەخىرلەندىم ،دېمىسىمۇ دېھقان -چارۋىچى ئاتىلاردەك ئاددى ئىنسانمۇ بۈيۈك ئىنسانمۇ يوق ...بۇ شېئىرىڭنى ياقتۇردۇم ،غەيرەت قىل رۇداكىنىڭ ئەۋلاتلىرى !!! | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |