سەنسىز

         سەنسىز …


سەنسىز ئىچىم بولدى قوپقۇرۇق،
نە خىيال 
نە ئارزۇ 
نە ئارمان 
يوقالغىنى نىكەم
بارسا كەلمەس جايغا كەتكەندەك
مىنى تاشلاپ كەتتىڭ دەشتى ،چۆللەرگە.

سەنسىز …
سەنسىز ئەلەم يۇتتۇم نەچچە رەت،
نە خۇشاللىق 
نە ئەركىنىلىك 
نە بايلىق 
تاشلاپ كەتكىنى نىكەم
ئاشق مەشۇقىنى تاشلاپ كەتكەندەك
بىلمىدىم
روھىم تىنىمدىن چىقىپ ماڭدى قەيەرلەرگە .

 سەنسىز …
سەنسىز ھايات يولۇم بولدى قاراڭغۇ ،
نە قوياش
نە ئاي
نە يولتۇز
كۆرۈنمگىلى نىكەم
يولدىن ئاداشقان يولۇچىدەك،
يۈرىيمەن
ئۆزۈمنى ئىزدەپ 
كۆڭلۈمنى بەزلەپ 
قاراڭغۇدا كتىپ بارىمەن
مەنزىلىم قايان
تىنەپ تەمتىرەپ
مۈدۈرۈپ يىقىلىپ
بەكمۇ تەستە
ئورنۇمدىن تۇرۇپ
كۆنىمەن ئاخىر ياشاشقا سەنسىز


2016-يىلى 18-سىنتەبىر     ئاقتۇ ناھىيە ئۈژمە2-ئوتتۇرا
     





41 قېتىم كۆرۈلدى dil303 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 0:19:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ