ياشا (شېئىر) - مىھرىگۈل نۇرمۇھەممەت

ياشا 

مىھرىگۈل نۇرمۇھەممەت

ھۇجۇدىڭدا ئ‍ەلەم تاشسىمۇ، سۆيگەنلەرنى كۈلدۈرۈپ ياشا،
نازۇك دىلدا ئ‍ارمان ئ‍ۆلسىمۇ، ئ‍ۈمىدلەرگە تولدۇرۇپ ياشا.

ئ‍ەتراپىڭدا «دوستلىرىڭ » كۆپتۇر، گەرچە پىئلى دۈشمەن بولسىمۇ،
كايىما بەس، چۆچۈمە ئ‍ۇندىن، تىلەكلەردە «ئ‍ىنساب! »دەپ ياشا.

ئ‍اچچىق ياشتا ئ‍ۆچكەن كۆزلىرىڭ، بەخىت ئ‍ىزلەپ ئ‍ېچىلسا غۇۋا،
ئ‍وت چاچرىسا دۈشمەن باغرىدىن، بۇمۇ بەلكىم سىناق دەپ ياشا.

يەتمەي تۇرۇپ ۋىسالىڭغا سەن، ئ‍اڭا قىلتاق قۇرۇشسا كىملەر،
ھالسىرىساڭ بەرگۈچە بەرداش، روھىم تېخى ھايات دەپ ياشا.

كېچىلىرىڭ تاڭغا يەتسىمۇ، قەلبلەرنى چىرمىسا ھېجران،
سۇلساڭمۇ گەر سۆيگۈ شېخىدا، ياشا مىھرى! ۋاپا دەپ ياشا!!!
     





234 قېتىم كۆرۈلدى مىھرىگۈل نۇرمۇھەممەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 2:19:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-10 8:21:19 ئۈسىز تۈنلە
مەنىسى بەكلا چوڭقۇركە ،تىلى بەك جايىدا ئىشلىتىلىپتۇ ،تىرىشىڭ مىھرىگۈل .
2017-4-10 8:21:18 ئۈسىز تۈنلە
مەنىسى بەكلا چوڭقۇركە ،تىلى بەك جايىدا ئىشلىتىلىپتۇ ،تىرىشىڭ مىھرىگۈل .
2017-4-9 8:05:37 مەشئەلى
شېئىرىڭىز بەك ئېسىل چىقىپتۇ، بەك ياقتۇردۇم.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ