بالىلارنىڭ ئوزۇقىدۇر ئانىلار
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئۇيقۇسىنى تاپقانتىغۇ ئەمدىلا،
ئىڭەلىدى سەبىي ئوماق بوۋاقلار،
شۇئان تۇرۇپ قۇچاق ئاچقاچ ئىرىنمەي،
ئىشتىھادا ھوزۇرلاندى بوۋاقلار.
سەھەر تۇرۇپ قىلار يەنە ئۆي ئىشى،
ئەسنىسىمۇ ئۇيقۇسىزلىق بىلمىدى،
كىر-قاتلىرىنى يۇيىدۇ ھارماستىن،
بالا دەردى،جاپاسىنى ئۇنۇتتى.
ئانىلاردۇر ھاياتلىقنىڭ گۈللىرى،
ئانىلارسىز نە ياڭرىسۇن كۈيلىرى،
خۇشاللىقنى كۆرمىدىغۇ زادىلا،
ۋۇجۇدىدا پەقەت بولغاچ باللىرى.
كۈندۈزلىرى خىزمەت قىلسا ئورگاندا،
كىچىلىرى بالا باقار ھارغاندا،
يەنە سەھەر تەييارلايدۇ ناشتىلىق،
ئۇنتۇپ كىتەر ھارغىنلىقنى زادىلا.
بالىلارنىڭ ئوزۇقىدۇر ئانىلار،
ئەرلەرنىڭمۇ قاناتىدۇر ئانىلار،
قىلچە مېھنەت قىلمايدىغۇ بىر ئۆمۈر
خۇشال ياشاپ كۈلۈپ كەتسە بالىلار.
راھەت ئەمەس،ئويلايدىغۇ بالىلار،
مېھنەت قىلماي،جاپاسىنى ئانىلار،
قۇلى گۈلدەك،مېھرى ئىللىق ئۇلارنىڭ،
بەك سەۋېرچان،ۋاپاداردۇر ئانىلار.
ئانىلارنى قەدىرلەيلى يولداشلار،
كۈلۈپ باقسۇن بىرەر قېتىم ئانىلار،
ئانىلارسىز نە پارلىسۇن بۇ تۇرمۇش،
ھۆرمەتلەيلى ئانىلارنى بالىلار.
82 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-12 23:57:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|