سالونچى - بىر قىسىم سالونچىلارغا سۆز
سالونچى

 تۇرسۇنمۇھەممەت رۇزىمۇھەممەت نۇرلۇق

 «بەزى سالون باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئازراق نەپنى دەپ قىلىۋاتقان بىرقىسىم ناچار قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ سەل ئاچچىقىم كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭلا ئەمەس بەلكى سىزنىڭمۇ. باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ سەل ئوغىسىنى قايناتقان مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن».......ئاپتۇردىن 

ھېچ مىننەتسىز باش چۈكۈپ، ياخشى مەزمۇن تەييارلاپ،
ئۈندىداردا بەك ياخشى مەكتەپ ئاچتىڭ سالونچى.
 ياخشى ئۇچۇر ئەجرىڭدە بىزگە ھەمرا يوللاردا،
شۇڭا مىھنەت تەرىڭدىن ئەلگە ياقتىڭ سالونچى.

 ياخشىلارغا يامان سۆز. يامان كۆزلەر كۆپ ئىكەن،
 چەتنەپسەنغۇ قارىسام. ساپمۇ ساقتىڭ سالونچى.
 ئېسل مەزمۇن ئورنىدا ئېلان. بىلەن سۈرەتلەر،
لېۋەنلەرنى پەش قىلىپ دۇكان ئاچتىڭ سالونچى. 

 شەيتاننىمۇ ئۇسسۇلغا سالار ئىكەن بىراق پۇل.
 شۇ ۋەجىدىن مەزمۇنغا ئېلان قاتتىڭ سالونچى.
 ئېلانلاردىن زىرىكسەك. ئالتۇن يامبۇ ئەنە دەپ.
قىزىقتۇرۇپ يالغاندىن يوقنى تاپتىڭ سالونچى.

 كۈندە نەچچە ئەۋەتىپ بىر ئېلاننى قايتىلاپ،
 بىر يالغانغا مىڭ يالغان قوشۇپ باقتىڭ سالونچى.
 نە يالغانكى بەئەينى قەسەم بىللا راست دەيسەن،
ئوبرازىڭنى ئويلىماي يەرگە ئاتتىڭ سالونچى.

 يېزىپ چىقسام مىڭ تەستە بىر شېئىرنى باش چۈكۈپ،
 چىقارمىدىڭ. سورىسام سوغۇق باقتىڭ سالونچى.
 كۆز تەگدىمۇ بىلمىدىم. ياندىڭ ھەجەپ ئەھدىڭدىن،
ئاپىرامدۇق باخشىغا.ئەسلى ساقتىڭ سالونچى.

 تۈمەن قېتىم سورىسام كەلدى ئاران بىر جاۋاب،
بىلدىم تەھرىرلىگۈدەك يوقكەن ۋاقتىڭ سالونچى.
 مىنىڭكىغۇ مەيلىتى.تالاي ياخشى مەزمۇننى،
ياراتماستىن ئۆزۈڭچە قوشاق قاتتىڭ سالونچى.

 ھەر سانىڭدا قىزلارنىڭ سۈرىتىگە ھەيرانمەن،
 بۇنداق بەڭۋاش قىزلارنى نەدىن تاپتىڭ سالونچى.
 قىز بولسىلا قىز دەمدۇ. قىزدەك ھايا بولمىسا،
 شۇ پەسلەرنى نىمە دەپ يانغا تارتتىڭ سالونچى.

«ئەنسىرىمە قىزلار»دەپ يولدىن چىققان پەسلەرگە،
دەللال بولۇپ ئاتايىن دوختۇر تاپتىڭ سالونچى. 
شۇنىڭدىنمۇ بىلمىدىم. بەزى قىزلار يۈرەكلىك،
ئېسىت ئۇيغۇر يۈزىنى يەرگە ئاتتىڭ سالونچى.

 تۇنۇشتۇرۇپ يىگىتكە كۇلۇبىڭدا قىزلارنى،
 سۈرىتىنى خەس قىلىپ يولغا ئاستىڭ سالونچى.
 مەسئۇلىيەت. دىيانەت.قېنى سەندە دەپ باققىن،
 سوئال قويسا ۋىجدانىڭ.ھۈركۈپ قاچتىڭ سالونچى.

 مەدەنىيەت تارقاتقان ئەجرىڭ ئۈچۈن بىز رازى،
 گۈلگە تولغاي چىنلىققا بەرگەن ۋاقتىڭ سالونچى. 
يالغان بىلەن كۆكلەشنى كۆزلەپ ماڭساڭ ھالىڭ ۋاي،
بىلگىن راستچىل بولغاندا.پورەك ئاچتىڭ. سالونچى.

 «بۇ ھەرگىزمۇ بارلىق سالون باشقۇرغۇچىلارغا دىگىنىم ئەمەس. پەقەت شۇنداق قىلغانلا ئۆزىگە ئالسا. ئۆزىدىكى بولمىغۇر ئىشلارنى تۈگىتىپ ئەخلاق.ئادىمىيلىك قارشى بىلەن ھەقىقى تۆھپىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلسا دىگەن ئورتاق يۈرەك سۆزنى دەل شۇنداق بىر قىسىم جاپاكەشلەرگە يەتكۈزمەكچىمەن»...
   قاراقاش .نۇرلۇق ...2325822537




147 قېتىم كۆرۈلدى تۇرسۇنمۇھەممەت نۇرلۇق ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-25 5:18:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ