چۈنكى مەن ئەركەك

چۈنكى مەن ئەركەك 

دىلـمۇرات ئەخمەت

         ئېسىمدىن چىقماس قىلغان خىيانىتىڭ ،
سەن تەرەپلىك يېيلىپ كەتكەن ئامانىتىم .
كۈلگۈم كېلەر ماڭا ئېيتقان يالغانلىرىڭ ،
كەچۈرۋېتەي ھەممىنى چۈنكى مەن ئەركەك .

ھەر سەھەر يورۇق تاڭلار ئاتقىنىدا ،
قەرزلەرگە گەدەنگىچە پاتقىنىمدا .
تۇرمۇش غېمى تاغ بولۇپ باسقىنىدا ،
دەس تۇرۇپ كېتەي چۈنكى مەن ئەركەك .

كۆيگىنىمدە ھەر قەدەمدە سۆيگۈ ئوتىدا ،
ئاشىق تەرپىدىن ھىجرانغا تاشلانغىنىمدا .
خىياللار بېشىمنى چىرمىۋالغىنىدا ،
ئويغۇنۇپ كېتەي چۈنكى مەن ئەركەك .

خىزمەتنى دائىم ئالدىراش دىمەي ،
 يىراق يېقىن  يوللارنى ئۆلچىمەي .
ئاتا-ئانامنى بىر بېرىپ يوقلاپ كېلەي ،
نىجاتكارىمغۇ ئۇلار چۈنكى مەن ئەركەك .

ئون ئىككى مۇقامنى توۋلاپ جاراڭلىق ئېيتاي ،
غۇلاچ تاشلاپ سامانى جەسۇر ئويناي .
خەلققە دەرمان بولۇپ، ئوتىدا قايناي ،
ئەۋلادلارغا يول باشلاي چۈنكى مەن ئەركەك .

ۋىجدانلىق بولۇپ قالغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ،
ھەق -ناھەق پاسىلىنى ئېنىق ئايرىيمەن .
شانلىق ئىزلارنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىمەن ،
بۇرۇچۇمنى ئادا قىلاي چۈنكى مەن ئەركەك .


 تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ

ئۇندىدار:qq1165181317 

مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589 

 
     





34 قېتىم كۆرۈلدى دىلـمۇرات ئەخمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-26 0:03:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ