ئۆز ئارا يۇشۇرۇن كۈيۈپتىكەنمىز
نۇربىيە سىدىق (پەرىشتە )قەلىمىدىن
ئەسلىدە ئۆز ئارا كۈيۈپتىكەنمىز ،
ھاياتنى شۇ قەدەر سۈيۈپتىكەنمىز.
مەيلىمىز بار تۇرۇپ بىر -بىرىمىزگە
دېيىشمەي ، بىلىشمەي يۈرۈپتىكەنمىز .
كۆڭۈلنى ئۆز ئارا بېرىپتىكەنمىز ،
پاك سۆيگۈ ئوتىدا ئېرىپتىكەنمىز .
قاردەك ئاق قەلبىگە بىر- بىرىمىزنىڭ ،
مۇھەببەت ئۇرۇقى تېرىپتىكەنمىز .
يارى بار دەپ ئويلاپ ئېزىپتىكەنمىز ،
خىيالدا دۇنيانى كېزىپتىكەنمىز .
ئىككىمىز ئىسمىدىن ئالتۇن ھەل بېرىپ ،
كۈندىلىك خاتىرە يېزىپتىكەنمىز .
ئۆز ئارا كۆڭلىمىز ئاياپتىكەنمىز ،
ھالال جۈپ بۇلۇشقا ياراپتىكەنمىز.
ئۇزاقتىن بۇيان ھەم بىر -بىرىمىزگە ،
مۇھەببەت كۆزىدە قاراپتىكەنمىز .
ئۆز ئارا يۈرەككە يېقىپتىكەنمىز ،
سۆيگۈنىڭ سۈيىدە ئېقىپتىكەنمىز .
ئۆز ئارا يۇشۇرۇپ بىر - بىرىمىزدىن ،
ئۆز ئارا ئۈمۈتلۈك بېقىپتىكەنمىز .
ئۆز ئارا لاپلارنى ئېتىپتىكەنمىز ،
ھەممىنى ھەم بىلىپ يېتىپتىكەنمىز .
چاقچاقتىن چىقىشىپ بىر - بىرىمىزنى ،
باشقىلار بىلەن ھەم چېتىپتىكەنمىز .
ئۆز ئارا شۇ قەدەر كۈنۈپتىكەنمىز ،
سۆيگۈنىڭ گۈلىنى ئۈزۈپتىكەنمىز .
گۈل بۇلۇپ ھاياتقا بىر بىرىمىزنىڭ ،
خۇشپۇراق تارقىتىپ ئۈنۈپتىكەنمىز .
ياتلاردىن شۇ قەدەر كۈنلەپتىكەنمىز ،
كېچىسى ئازاپتىن تۈنەپتىكەنمىز ،
قانداق گەپ ئېچىشنى بىر بىرىمىزگە ،
بىلەلمەي تەمتىرەپ - تىنەپتىكەنمىز .
ئۆز ئارا يۈرەكنى تىلىپتىكەنمىز ،
قەلىپكە قۇلۇپلار سىلىپتىكەنمىز .
ھازىر مەن ئويلىسام مانا مۇشۇنداق ،
بۇلۇشنى بۇرۇنلا بىلىپتىكەنمىز .
2016 - يىلى 9 - نويابىر
| 47 قېتىم كۆرۈلدى | parixtaaa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-15 8:50:18 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|