سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە (شېئىر) - زۇلپىيە ئۆمەر كاكتۇس

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە

زۇلپىيە ئۆمەر كاكتۇس

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە ,
ئۇيقىسىز تۈنلەردە ئىزتىراپ چىكىپ,
ئىدىغۇ سىغىنىپ توختىسام بىراق!
قىينايدۇ ئازابىڭ يۈرەكنى يېرىپ.

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە ,
ئويلىدىم ئوتكەننى نەچچە-نەچچە رەت.
مۇھاببەتلىك كۈنىمىز شىرىن ئىدىغۇ ,
نىم بولدى بىزلەرگە كۆز تەگدى ھەجەپ.

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە ,
مىھىرلىك باغرىڭنى ئوتلۇق سۈيۈشنى.
تەنلىرىم تىترەيتى شىرىن سۆيگۈدە ,
ھىس قىلاتتىم شۇ چاغدا يۈرەك كۈيۈشنى.

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە,
يەنە شۇ بۇلاقتەك بىرجۈپ كۈزۈڭنى,
تەبەسسۇم تۈكۈلگەن كۈلگۈن يۈزلىرىڭ,
ماڭىلا تەۋە شۇ ئوماق ئۈزۈڭنى .

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە ,
ئەمماسەن يىراقتا,مەن ھەم پىراقتا.
نەقىلاي چىدايمەن يۈرەكنى تاتلاپ,
قىپقىزىل قان قىلغان تۈمۈر تىرناققا .

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە ,
قاراڭغۇ زۇلمەتتە قالدىمغۇ شۇ تاپ,
تىز كەلگىن تاپلماي قالدىمغۇسىنى,
سۆيگۈنى ئازاپلار يىمىسۇن غاجاپ.

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە ,
ۋەسلىڭگە يىتىشنى بىر قىلىپ ئارمان,
ئەمما بۇ مەڭگۈلۈك بىر چۈش بولسىمۇ,
بىلىپ تۇرۇپ شۇنىڭدىن تاپىمەن دەرمان.

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە,
بەزىدە ئۇيلايمەن خىيال قىپ شۇنداق,
قەدرىمگە يىتەرسەنمۇ سەنمۇ بىر كۈنى ,
باغاش قىپ مىنى قوينىغا ئالغاندا تۇپراق.

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە,
كەچۈرگىن تەنتەكلىكتە قىلغانلىرىمنى.
قاخشىساممۇ يۈرەكتىن كۈيىمەن ساڭا.
ئۇنۇتمۇدۇم  مىھرىڭ بىلەن ئېيتقانلىرىڭنى

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە,
جانانىم ئامانلىق تىلەيمەن ساڭا.
سەنمۇ بەك قىينالدىڭ بىلىمەن ئۇنى,
سەنمۇ ھەم كۈيەتتىڭ يۈرەكتىن ماڭا.

سېغىندىم سىنى يەنە بۇ كېچە,
چىدايمەن ,چىدايلى ھىجران بولسىمۇ .
تارىختىن چىن ئاشىق قۇشۇلماپتىكەن,
سەۋىر قىلايلى يۈرەكلەر دەرتكە تولسىمۇ.

2017.1.6 سەھەر
     





125 قېتىم كۆرۈلدى زۇلپىيە ئۆمەر كاكتۇس ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-12 4:18:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-10 4:01:13 گۆھەر
قولۇڭلارغا،ئەقلىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن دوستۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ