* * *دەپتىمەن* * *
سۇلايمان ئەلتېكىن
ئەسسالام دەپ ئىگىلىپ،تەبەسسۇمدا سۇنسا قول.
ۋەئەلەيكۇم ئەيلىدىم،ئادەممىكىن دەپتىمەن.
ھەرنەپەستە تىلاۋەت،قىلسا ئەلگە ساخاۋەت.
ئاجىزلارغا قىلىنغان،ياردەممىكىن دەپتىمەن.
چىقىشلىرى خانتاجى،ئىسمى ئۇنىڭ ھەم ھاجى.
ئېغىز ئاچسا ھايادىن،قارىيمىكىن دەپتىمەن.
مەشرەپلەرگە چاقىرسا ،چاينى ئىچىپ ۋاقىرسا.
جېنىم دىدى نەچچىسى،يارىيمىكىن دەپتىمەن.
تالاي ماڭدىم كەينىدىن،كۆپ ئايرىدىم غەلۋىدىن.
ئەل ئىچىدە داڭقى بار،باتۇرمىكىن دەپتىمەن.
گۆشنى قويۇپ داستخانغا،تەييار قىپتۇ ناشتامغا.
ھالال تەرنى ئاققۇزغان،شاتۇرمىكىن دەپتىمەن.
ئىللىق قۇياش نۇرىدەك،ھەممەيلەنگەنگە باراۋەر.
ئىلىم تەھسىل باپىغا،كامىلمىكىن دەپتىمەن.
سۆزلەپ كەتسە كىنايە،راۋان ئىكەن تىللىرى.
قارا دىلنى يۇرۇتار،ئامىلمىكىن دەپتىمەن.
ئازدىڭ دىسە ھەممىسى، ئېغىركەلگەن ھەيۋىسى.
ئۆزئاكامدەك ئىشىنىپ،ئۇرماسمىكىن دەپتىمەن.
بىللە چىققان لەپەرگە،ھەمراھ ئىدۇق سەپەرگە.
ھەرقەدەمگە مىڭ قاپقان،قۇرماسمىكىن دەپتىمەن.
بىلىپ يەتتىم ھەممىنى،ئەمدى دىمەي كەينىنى.
چىن دوسلۇقنىڭ سازىنى،چالامدىكىن دەپتىمەن.
تۇرمۇش ئەگسە بېشىمنى،گەرسۈرتۈشكە يېشىمنى.
قوللىرىغا قولياغلىق،ئالامدىكىن دەپتىمەن.
2016/ ئۆكتەبىر
50 قېتىم كۆرۈلدى | سۇلايمان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-19 21:53:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|