كۆڭۈل بەرگىن -ناخشا تېكىستى- تۇرسۇنجان قايىم«ئىقبالى»

         
كۆڭۈل بەرگىن
(ناخشا تېكىستى)
ئاپتۇرى:تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

كۆڭۈل بەرگىن ھەي قىزچاق،
ساڭا قىلمىدىم   چاقچاق.
يار بۇلۇپلا بىر كەلسەڭ،
ئېسىپ قوياي كۆز مۇنچاق.

ئوماق يارىم ھەي گۈزەل،
ئېيتىپ بېرەي مۇڭ غەزەل.
سەندىن سۆيگۈ ئ‍ىزلەيمەن،
كۆڭۈل بەرسەڭ شۇ ئەۋزەل.

مېنى بۇنچە قىينىماي،
كۆڭۈل بەرسەڭ بولمامدۇ.
سەن ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ،
يۈرەك دەرتكە تولمامدۇ.

ئاشىق بۇلۇپ يۈرسەممەن،
سەن پەرۋاسىز يۈرەمسەن.
سوراپ باقاي سۆيگۈمنى،
جانىم قۇبۇل قىلامسەن.


   2016.10.18

      





80 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-18 23:07:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ