يەنە سېغىندىم

يەنە سېغىندىم

 

دىلكەش

 

 كەچۈر، سېنى يەنە سېغىندىم

چۈشلىرىمدىمۇ سېنىڭ سىمايىڭ

 سورىغۇم كىلەر  مۇمكىن بولسا  گەر

بۇ كۈن-تۈنلەردە قانداق ئەھۋالىڭ

 

كۆزۈم ئىزدەيدۇ تالاي چىرايدىن

 پەقەتلا سېنىڭ ئوماق چېھرىڭنى

 ئويلاپ قالىمەن گاھىدا يەنە

سېنىڭ كۆزۈڭ ھەم ئىزدەرمۇ مېنى

 

 شۇنداق يۈرسەمكەن سېنى سېغىنىپ

 چۈنكى سېغىنىش مەن ئۈچۈن بەخت

 ئەلۋەتتە يەتكىچە ئازابمۇ ھەمراھ

 ۋە لېكىن ھوزۇرى ئالەمچە تەخت





99 قېتىم كۆرۈلدى dilkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-9 23:50:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ