كەتسەڭمۇ
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
يىنىپ -ئۆچكەن چىراقسەن گەر يېنىمدىن كەتسەڭمۇ ،
تەمى ئاچچىق ھاراقسەن گەر يېنىمدىن كەتسەڭمۇ .
سېنى مەندەك باغرىغا باسمايدۇ يات -يارەنلەر ،
كۈڭۈل تۆرىدىن يىراقسەن گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
بەخت كەلدى دەپ شاتلانما ، مىنگەن بىلەن تۇلپارغا ،
ئۆزگىلەرگە ئۇلاغسەن گەر يېنىمدىن كەتسەڭمۇ .
مۇشۇ دېمە گۈزەللىك قاش -كۆزۈڭنى بويغاندا ،
تىگى -تەكتىن ئۇماقسەن گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
شاماللارنىڭ ئەۋجىگە دۈم چۈشسەڭمۇ بەرىبىر ،
"بىر ئىگىسىز تايچاقسەن " گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
خوپ بولدى دەپ كىرىلمە ئازابىڭنى چەكسەم گاھ ،
بىلسەڭ پەمسىز شالاقسەن گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
يۇرگىنىڭدە مەن بىلەن ناز -كەرەشمەڭ بەك ئىدى ،
ئەمدى يايرىم قانداقسەن ؟ گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
پەرۋايىمغا كەلمەيدۇ . يا ، غېمىڭنى يىمەيمەن ،
يولۇمدىكى تۇزاقسەن گەر يېنىمدىن كەتسەڭمۇ .
دەريا ئىزدەپ يۇرمىگىن ئاۋارە بوپ چۆللەردە ،
ئەبەددىگە چاڭقاقسەن گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
شۇنداق كۈنلەر كىلىدۇ سەنمۇ ۋايجان دەيدىغان ،
چىكىپ قايغۇ -پىراقسەن گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
نىسى قالماس مۇھەببەت قەرزى بۇغار گىلىڭنى ،
بولۇپ خەققە ئاخماقسەن گەر يېنىمدىن كەتسەڭمۇ .
قۇياش چىقسا ئۆچۈرمە مەشتە يېنىق ئۇتۇڭنى ،
ئىرىپ بولماس توڭغاقسەن گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
ھايالىق مەن دەپ قالما ياپقان بىلەن يۈزۈڭنى ،
نى ۋاق سۇلغان ياپراقسەن گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
يۇرگەن بىلەن بۈزۈڭگە لىق تۇلدۇرۇپ كۆكسۈڭنى ،
قىز ئەمەس" قىز ئاتاقسەن " گەر يىنىمدىن كەتسەڭمۇ .
| 71 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-4 23:23:19 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|