ئەركەك ئەمەس - قادىر ئ‍ابلەت

ئ‍ەركەك ئ‍ەمەس

 

 قادىر ئ‍ابلەت

 

چۈشسە گەر ئ‍ەلەم بىشىغا قاخشىغانلار ئ‍ەركەك ئ‍ەمەس،

 بۇھاياتتاسىناقلاركۆپ،زارلىغانلار ئ‍ەركەك ئ‍ەمەس.

 ھايات يولى خەتەرلىك يول،تولغان نۇرغۇن توزاقلارغا،

 كۆتۈرەلمەي ئ‍ازاپلانى يىغلىغانلار ئ‍ەركەك ئ‍ەمەس.

 جىنسى ئ‍ەر ۋە لىكىن بىراق قىلىقى ئ‍ايالدىن بەتتەر،

ئ‍اتا-ئانا كۆزلىرىنى ياشلىغانلار ئ‍ەركەك ئ‍ەمەس.

سالاھىيتىم يوقتۇر بەلكىم بۇنداق باھا بىرىشكە مەن،

 ھال كىرسە گەر يارەنلەرنى تاشلىغانلار ئ‍ەركەك ئ‍ەمەس.

ئ‍ۇلۇغلاردىن قالغان ھىكمەت, ئ‍ەرباشقىدۇرئەركەك باشقا ,

ئ‍ەقلى ئ‍ىزىپ شەيتانغا يول باشلىغانلار ئ‍ەركەك ئ‍ەمەس.

 

 k930122a

 

 





173 قېتىم كۆرۈلدى قادىر ئابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-30 2:43:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ