كۆڭۇل ئ‍ىزھارى - دىلكەش

كۆڭۇل ئ‍ىزھارى 

 دىلكەش


كۆيۋاتىمەن،
گويا شامدەك ئۆزۈمگە ئىقىپ،
گويا تاماكامدەك،
ئاستا-ئاستا
ئاچچىق-ئاچچىق يىنىپ.
تۈگەۋاتىمەن،
شۇنداق ئىزسىز،
شۇنداق جىمجىت يىتىپ.
ئاستا-ئاستا،
بەكلا ئاستا،
يۈرىكىم،پۇتۇم،قولۇم،
ھىس تۇيغۇلىرىم كەتمەكتە قىتىپ.

بۇ تىنىم،
جىسمىم،روھىم،
ئۆزۈمگىلا قەدىرلىك بولغان،
ئالدىڭدا قەدىرسىز قالغان،
شۇ جىنىم،
ئاستا-ئاستا كەتمەكتە چىقىپ.

بەدىنىم،
پەيدەك يىنىك،
تاغدەك ئىغىر،
ئىشقىلىپ بىلمىدىم
ھايات تۇرۇقلۇق.
ئىچ باغرىمدىن تۆكۈلۋاتقىنى،
ئەسلىمىسىەم چىدىمايدىغان،
ئەسلىسەم قېينايدىغان،
ئۆتمۈشۈمدەك ئاچچىق سۇيۇقلۇق،

بىر تۇيغۇم،
ماڭا بويسۇنماستىن،
جىنىمغا خائىنلىق زورلاپ تىڭىپ.

بولدى قىلاي،
ئۇخلاپ قالاي،
يۇمىۋالاي تەلمۈرگەن كۆزلىرىمنى.
توختىتاي سەن ئاڭلىمايدىغان،
باشقىلارمۇ ھەتتا ئۆزۈممۇ خالىمايدىغان،
شۇ قەدىرسىز سۆزلىرىمنى.

ئۇنتۇپ قالاي،
ھەممىنى ئۇنتاي ئۇيقىغا كىتىپ،
بەلكىم ئويغانماسمەن،
شۇ ئۇخلىغانچە،
يۈرەكلىرىم،خىياللىرىم،
مەڭزىمدىن يالىغان ياشلىرىممۇ،
ئاستا-ئاستا كىتەر قىتىپ.

شۇ چاغدا،
ئەنە شۇ چاغدا،
ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىم،
قاراپ قالساڭ يىنىمغا كىلىپ،
كۆرىسەن شۇ چاغدا،
ئىسمىڭنى ھالسىز چاقىرىپ،
قىتىپ قالغان لەۋلىرىمنى،
يۇمۇلمىغان كۆزلىرىمنى،
كۆزلىرىمدە مەڭگۈلۈك قالغان،
مەن تارتىشقان سۆيگۈمنى،
يەنى ئۆزۈڭنى…


ئ‍اپتۇر   مەغرۇر ياشايمەن (دىلكەش)

     





108 قېتىم كۆرۈلدى delkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-13 1:26:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ