تەندە دەرمن قالمىدى - رىزۋانگۈل (مودەن)

  تەندە دەرمان قالمىدى
رىزۋانگۈل (مودەن)

كۈلەلمىدىم يۈرەكتىن،چۈنكى دىلدار كۈلمىدى،
سوغۇق نەزەر قىينىدى،ياكى جاننى ئ‍المىدى.

قىلدىڭ گۇمان سۆيگۈمگە ئ‍ىشەنمەستىن سەن شۇنداق،
چۈشەنمىدىڭ بۇ قەلبىم پەقەت ساڭا يار ئ‍ىدى.

ئ‍ورۇن يوقتۇر باشقىغا، يۈرەك ئ‍اڭا باغلانغان،
ئ‍ۈزۈلمەيدۇ دىل رىشتىم،بۇنى نىگار بىلسىدى.

قەلىپ قەسىرىم تۆرىدە مىھمان ئ‍ىدىڭ يىگانە،
ساختا دىدىڭ سۆيگۈمنى ،ئ‍ازاپ يۈرەكنى تىلغىدى.

كىم سورىسا بەرگىلى،ئەمەس سۆيگۈم سەدىقە،
ئ‍ىشەنمىگەچ جانانىم،تەندە دەرمان قالمىدى. 


2016-يىل27-سىنتەبىر .مايتاغ
     





50 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-29 20:48:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ