بالا ھەسرىتى-چىچەك كاشغەرى «مۇنىرە»

🌼  بالا ھەسرىتى🌼

ئ‍ېلىپ ماڭغاندا قەبرە يېنغا،
كەلدىم يىغلاپ تۇپراق بېشىغا.
توغرا كەلمەس بەلكىم ھىشنىمە ،
پەرزەنتىڭنىڭ كۆزى يېشىغا.
…………………………………

ياشىدىم بارىڭدا مەردۇ-مەردانە،
بولدۇم ئ‍ەمدى خانۇ ۋەيرانە.
ئ‍ارزۇلاپ باققان ئ‍ەتىۋار بالاڭ،
قالدى تالادا سەرسان يىگانە،
…………………………………

بارىڭدا بېشىم تاقاشتى كۆككە،
كۈلگە ساداسى يەتتى پەلەككە.
سەن بىلەن ئ‍ۆتكەن ئ‍اشۇ كۈنلىرىم،
ئ‍ەسلىمە بولۇپ قالدى يۈرەكتە.
…………………………………

ئ‍ەسلىسەم سىنى ھەر-بىر قېتىم ،
كىلدۇ ياشلىرىم كۆزۈمگە يېقىن.
ئ‍ۆزۈمنى باسالماي يىغلىسام ئ‍ەگەر،
بولدۇ ياشلىرىم گويا بىر ئ‍ېقىن.
………………………

كەتتىڭ يىراققا مەڭگۈگە تامان ،
كۆرەلمەسمەن سىنى ئ‍ەبەدى ھامان.
ئ‍ويلاپ سىنى كۈندۈزى -تۈنى ،
گۈل چىرايىم بولدى زەپىران .
………………………

چىچەك كاشغەرى
2015-يىلى 4-ئ‍اي
……………………………

بۇ شىئىرىمنى  ئ‍اتا - ئ‍انسى ھايات ۋاختىدا قەدىرلىمەي ،كەتكەندىن كىيىن ھەسرەت چىكىدىغان ۋاپاسىز پەرزەنلەردىن ئ‍ۆرنەك ئ‍الدىم .
     





149 قېتىم كۆرۈلدى qiqak ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-15 12:06:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-17 0:38:24 بىر تامچە
ياخشى يېزىپسىز🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ