قايدىسەن ( شېئىر ) - ئابدۇخالىق ئەھەت تەقدىر

قايدىسەن
ئابدۇخالىق ئەھەت تەقدىر

چۈشلىرىمدە سايرارغا ئاھ بۇلبۇلۇم قايدىسەن،
چېپىپ مەغرۇر مىنىشكە ئاھ دۇلدۇلۇم قايدىسەن.

قىرىق ئالتە باھارنى كۆرەلمەستىن كۆز يۇمۇپ،
دۇنيا تامام قالدۇرغان مېھىربانىم قايدىسەن.

يولغا چىقىپ سەپەرگە كېلەلمەيمەن ئەمدى دەپ،
ھەقنى مىراس قالدۇرغان تۆھپىكارىم قايدىسەن.

مېنى تۇغۇپ مۈشكۈلدە ئوغۇز سۈتتە ئەر قىلغان،
نەپەس ئېلىپ ياشاشقا سەۋەبكارىم قايدىسەن.

ھەسرەت تۇلۇپ كۆزۈمدىن سىرغىغاندا تامچە ياش،
مېھىر بىلەن سۈرتۈشكە غەمگۈزارىم قايدىسەن.

قانچە كولاپ قازساممۇ تۈگىمەستىن دۆۋلىنىپ،
يېتىپ يىسەم توشارغا ئالتۇن كانىم قايدىسەن.

ھاياتىمغا مۇڭ قوشۇپ، ئۆزۈڭ بولۇپ مىسكىن كۈي،
زەررە خۇشلۇق تاپمغان ئاھۇ-زارىم قايدىسەم.

گاھ تومۇزدا چاڭقىساق تەشنالىقنى قاندۇرۇپ،
ئېقىن بولغان بىز ئۈچۈن پەرۋىشكارىم قايدىسەن.

كېچە يولدىن ئاداشسام نۇرنى چېچىپ مەن ئۈچۈن،
سەپىرىمدە ھەمراھلىق تولۇن ئايىم قايدىسەن.

كۈن چۈشكەندە بېشىمغا سايە بولماس ھېچكىممۇ،
سايەم بولۇپ يارالغان مەجنۇنتالىم قايدىسەن.

ئاچ قويماستىن ھەتتاكى مۇشەقەتتىن نان تېپىپ،
بەيگىلەردە ئات سالغان زەبەردىسىم قايدىسەن.

بىزلەر بولۇپ ئۇچۇرما ئەمدى قانات قاققاندا،
دۇئا قىلغان ھەرۋاقىت مەدەتكارىم قايدىسەن.

شىۋىرغاندا توڭلىساق،ئۆز جىسمىڭنى كۆيدۈرۈپ،
ئۆچۈپ كۈلگە ئايلانغان ھارارىتىم قايدىسەن.


ئۈندىدار :
13009699741
ئەسلى پېتى بەھىرلەنگەيسىز
2017.4.14


     





563 قېتىم كۆرۈلدى takdir ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-16 10:45:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-6 22:04:22 مەلىكىزات
كۆڭلىڭىزنى ئ‍ازادە تۇتۇڭ ئۇلار بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ ئۇلار مەڭگۈ قەلبىمىزدە ھايات بىز ھەرگىز قايغۇ ھەسرەتكە چۈكۈپ قالماسلىقىمىز كىرەك چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ بىر تامچە يېشمىزنى مۇ كۈرۈشنى مۇ خالىمايتتى شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بىز خۇشال خۇرام ياشاشقا تېرشايلى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ