غەزەلگە مۇھەببەت
 غەزەلگە مۇھەببەت
 
(ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم)
 
تىلى تاتلىق مەزمۇنغا بەرنا،گۈزەللىككە تولغان،
ئاھاڭدار كۈيى تاشقىن،شېرىن ئۇ، ھەممىگە ياققان.

گۈزەللەر بوستانىدا تەڭدىشىڭ يوق چولپانى ئۇ،
لاتاپەتتىن تۇلۇن ئايدەك ئۇز،ھۆسنىڭگە ھەم تولغان.

تېلىڭ سۈزۈك،قوڭغىراق نازۈكلىقتا نازاكەتلىك،
زەمزەم كەبى لەزەت بىرىپ ئاجايىپ مۇڭغا تولغان.

جانانلارنىڭ رۇخسارىدەك شۇنداق سەن لاتاپەتلىك،
راھەت بېغىشلاپ ئىنسانغا ھەم ئۇ شۇنداق تونىلغان.

قانچە مەنا،قانچە مەنتىق،ھەممىنىڭ ئىلھامى ئۇ،
سەنىلەرگە كۈچ بىرىپ،ھەۋەس بىلەن ناخشا بولغان.

غەزەل دىسە ئۇندىن ئارتۇق يوق ئىكەنۇ ھەم مۇقام،
تارىخلارنى مۇڭغا سالغان،بىباھا گۆھەر ئىكەن.

ھەۋزە-كەۋسەر،شېرىن-تاتلىق بالغا تولغانۇ ئۆزى،
چولپانلارغا جۇلا بىرىپ ھەم شۇندا نۇرغا تولغان.

غەزەل دېسە دايىم شۇڭا كۈچكە تولىمەن شۇنداق،
ھوزۇر ئىلىپ قەلبىم ئۇنىڭدىن شۇڭا زۇق ئالىمەن.

خېرىستالدەك نازۈك ئۆزى شۇنداق بارچىسى يەتمەس،
مىسرالىرى نازىنلەردەك شۇ بەھرى بېرەر ھامان.
 
ــــ شىپائى 2016-يىلى 29- يانۋار

 




114 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-29 22:10:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ