ھايات تۈگەر ئ‍اھسىراپ - رىزۋانگۈل (مودەن)

         ھايات تۈگەر ئ‍اھسىراپ
         رىزۋانگۈل (مودەن)

نەھال بۇ ھېچ بىلمىدىم ،قەلبىم چىكەر ئ‍ىزتىراپ،
كۆزۈم ياشتا دىلىم مەيۇس،مەن تۇرارمەن ياتسىراپ.

ئ‍ۆتتى كۈنلەر يىگانە،ماڭا يۇقتۇر غەمخانە،
قايسى يالغان قايسى راس،ئىشىنەلمەي ھالسىراپ.

قەلبىم گۈيا سۆيگۈنىڭ دېڭىزىدۇر دولقۇنلۇق،
چۈشەنمىگەچ نىگارىم قالدىم ئ‍ەنە مۇڭسىراپ.

مۇھەببەتلىك يۈرەكنى بىلەتتىم جاندىن ئ‍ەزىز،
ئ‍ەپسۇس ئ‍ۆتتى كۈنلىرىم تەشنالىقتا قاغجىراپ.

ئ‍ۆتسەم دەيتتىم قول تۇتۇپ سۆيگۈمىزنىڭ دەشتىدىن،
گەر بەرمىسەڭ قولۇڭنى يۈرەك لەختە قانسىراپ.

يوقتۇر ئۇرۇن گۇمانغا  پاك مۇھەببەت ئ‍الدىدا،
ئ‍ىشەنمىسەڭ سۆيگۈمگە ھايات تۈگەر ئ‍اھسىراپ. 


2016-يىل 6-ئ‍اۋغۇسىت مەكىت
     





44 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-16 11:40:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ