مىھىر بىلەن ئۆتسە بۇ ھايات

مىھىر بىلەن ئۆتسە بۇ ھايات

 

ئەھمەد مۇھەممەد سەئىدى

 

 گۈل ئېچىلار باسقان قەدەمدىن،

 قەلبى ئاتەش ئوتلۇق يۈرەكتىن.

چاقناپ تۇرار نۇرلار ھەر كۆزدىن،

 مىھىر بىلەن ئۆتسە بۇ ھايات.

 

 سەۋەب ئىزدەپ يۈرمە ھەرياندىن،

 چىقسۇن ئەلگە مىھىر ھەم سەندىن.

 يۈرەلەيمىز شۇندا بىزدىلدىن،

 مىھىر بىلەن ئۆتسە بۇ ھايات.

 

 گۈزەل بۇلار دۇنيا بىزلەرگە،

 خۇش چىراي نۇرلۇق كۆزلەرگە.

 بەخت كۈلكىسى قونۇر يۈزلەرگە،

مىھىر بىلەن ئۆتسە بۇ ھايات.





161 قېتىم كۆرۈلدى ئەھمەد مۇھەممەد سەئىدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-11 23:59:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ