كۈتۈش - مېھىرنىسا قۇربان

كۈتۈش

مېھىرنىسا قۇربان

سىڭىپ كەتتىم كېچە قوينىغا،
سېنى كۈتۈپ كۆلنىڭ بويىدا.
كەتتىڭمۇيا شېرىن ئۇيقىغا،
يار كەلمىدىڭ يۈرىسەن قايدا؟

مۇڭدىشىدۇ يۇلتۇزلار پەقەت،
پىچىرلايدۇ كۆز قېسىپ ئايغا،
سۆيسەڭ مېنى ئەبەدىلئەبەد،
ئايلىناتتىم سۆيگۈدە بايغا.

ئايغا قاراپ خىيالغا پاتتىم،
ئوخشىتاتتىم سېنى شۇ ئايغا،
تەلمۈرۈپ مەن يولۇڭغا باقتىم،
يا كەلمىدىڭ شۇ كونا جايغا.

كۆرۈپ سەنمۇ كۆكتىكى ئاينى،
يارىم مېنى ئەسكە ئالدىڭمۇ؟
ئايغا قاراپ خىيالغا چۆكۈپ،
سۆيدۈم سېنى دەپمۇ سالدىڭمۇ؟

سەن كەلمىسەڭ ئاشۇ ئاي بىلەن،
مۇڭدىشىمەن كۆزۈم تالغىچە.
كۈتەي سېنى ساداقەت بىلەن،
سۇبھى يۇرۇپ تاڭلار ئاتقۇچە.

2016-11-13 غۇلجا شەھىرى
     





75 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-24 1:43:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ