بىزدىكى يۈرەك (شېئىر) - -سۈبىھىنۇر قۇربان

 بىزدىكى يۈرەك 

-سۈبىھىنۇر قۇربان


ئ‍ىنسانغا خاس يارالغان چۇقۇم ،
ئ‍وخشىمايدۇ ھىچبىر نىممەتكە·
ئ‍ويلاپتىمەن يۈرەكنى شۇندا ،
بېغىشلاپ ھەم ساددا تىلەككە·

ئ‍ويلاپ يەتتىم كەلگەندە بۈگۈن،
ھايۋاندىمۇ باردۇر شۇ يۈرەك·
ئ‍ارلاش شوڭا كۆپ ياۋايىلىق ،
ئ‍ىكەن ئ‍ەسلى پەقەت بىر بېزەك·

ھايۋاندىمۇ ئ‍اتىلار يۈرەك،
ئ‍ادەمگىمۇ ئ‍ۆزگەرمەيدۇ ھەم ·
ئ‍وخشىغاچقا يۈرەككە يۈرەك،
ئ‍ەقىلسىزلىق تېڭىلغان مەھكەم·

كىچىك ئ‍وغلاق يۈرەر ئ‍ويناقلاپ،
كىم ئ‍وت بەرسە كەينىدىن مېڭىپ·
ئ‍ۆچكە ئ‍انا مۈكچەيدى ئ‍ەمما ،
قوتان ئ‍ىچىدە قالدى ئ‍ۇھسىنىپ·

توۋا دەيمەن ئ‍ەقىل ئ‍ېگىسى،
ئ‍وخشاپ قالدۇق ئ‍اڭسىز ھايۋانغا·
ئ‍اناڭ قالدى قايسى كەپىدە؟
تەلمۈرگەندۇ كاۋاك پېشايۋانغا·

ئ‍اتاڭ بوغزى چىڭقىلغانمىدۇ؟
نەپەسلىرى خىرەلەشكەن ھەم ·
ساقاللىرغا تامچىپ ياشلىرى،
ئ‍ىزدىگەنمۇ نەلەردە ئ‍ەركەم·

كۆككە ئ‍اتقان قاۋۇل قوللىرى،
تالغانمىدۇ ئ‍ورۇق كۆسەي بۇپ·
پەرىشتەمنىڭ ئ‍اق روماللىرى،
كىرلەشكەنمۇ تۇز ياشلار يۇقۇپ·

ئ‍انا دەپلا باسقىن باغرىڭغا،
ئ‍ىشىنىمەن كەچۈرەر دىلى·
قول ئ‍ۇزاتقىن ئ‍اتاڭغىمۇ ھەم،
ئ‍ۆز قوينىغا ئ‍الىدۇ سىنى·

دۇئالىرى سىڭسۇن قەلبىڭگە،
ھايات چېغىدا قېنىۋال ئ‍اڭا·
مال دۇنيارىڭ كۈپۈكتۇر پەقەت،
بەختىڭ كەلمەس رازى بولمىسا·


---سۈبىھىنۇر قۇربان
     





30 قېتىم كۆرۈلدى nalwom ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-9 19:24:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ