كۈلدۈرۈپ ياشايمەن ئاتا-ئانامنى
دىليار
كۈلدۈرۈپ ياشايمەن ئاتا-ئانامنى،
ھىممەتلىك كۆڭلۈمنى قىلىپ بەخشەندە.
تۇتىمەن بەختنى گۈل قىلىپ ھەرچاغ،
قىلمايمەن يۈرىكىن ئەلدە دەپسەندە.
كۈلدۈرۈپ ياشايمەن ئاتا-ئانامنى،
يامانلىق سۈيىدە بۇلغانماي پەقەت.
يۈرىكىم ساز بولار،ئىمانىم تەڭكەش،
مۇھەببەت كۈيىدە كۈيلەيمەن ئەبەد.
كۈلدۈرۈپ ياشايمەن ئاتا-ئانامنى،
چارچىغان ئۆمرىدە بېشىمغا ئېلىپ.
قىلمايمەن بىراۋنىڭ ئالدىدا ھېچ خار،
ئاقارغان چاچلىرىنى تۇتىيا بىلىپ.
كۈلدۈرۈپ ياشايمەن ئاتا-ئانامنى،
ھاياتىم بېغىغا گۈللەرنى تەرگەچ.
ھاياتلىق مەشئىلىم ئۇلارسىز يانماس،
خەس بولغان چېغىمدا ئۈمىدلەر بەرگەچ.
كۈلدۈرۈپ ياشايمەن ئاتا-ئانامنى،
ئۇلارسىز بۇ ئۆمۈر مەنىسىز سەپەر.
ئىزدەيمەن ئۇلارچۈن بەخت كانىنى،
دۇئالەر قىلىپ ھەر كىچەيۇ سەھەر.
كۈلدۈرۈپ ياشايمەن ئاتا-ئانامنى،
ئېھتىرام سۈيىدە سۇغۇرۇپ ھەردەم.
يۈرسەم گەر ۋاپاسىز نامىنى ئېلىپ،
قالارمەن لەنەتكە ئۇچراپ بىگۇمان.
كۈلدۈرۈپ ياشايمەن ئاتا-ئانامنى،
بۇ سۆزۈم بولسۇنكى مۇقەددەس ئەھدەم.
ئېچىلسا مەن سەۋەپ ئۇلارنىڭ گۈلى،
شۇندىلا ئېچىلغاي ئۆمۈرلۈك بەختىم.
| 83 قېتىم كۆرۈلدى | dilyar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-9 0:26:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|