نە بۇنچە كۈيەرسەن ئىيتقىنا يۈرەك
( ياسىنجان سەلەيئاخۇن )
نە بۇنچە كۈيەرسەن ئىيتقىنا يۈرەك ،
سىنى تاشلاپ يات بىلەن كەتكەنلەر ئۈچۈن .
ئەرزىمدۇ سەن ئويلىغىن ئاھ ئۇرۇشلىرىڭ ،
پاك سۆيگۈڭنى ئويۇنچۇق ئەتكەنلەر ئۈچۈن .
نە بۇنچە كۈيەرسەن ئىيتقىنا يۈرەك ،
ئىچىلماستىن غۇنچەڭنى ئۈزگەنلەر ئۈچۈن .
ھىچ كاللامدىن ئۆتمىدى ئازاپ چىكىشىڭ ،
پاك سۆيگۈڭگە بىپەرۋا يۈرگەنلەر ئۈچۈن .
نە بۇنچە كۈيەرسەن ئىيتقىنا يۈرەك ،
سىنى ئالداپ ئوينىغان تۈلكىلەر ئۈچۈن .
سەن يىغلىساڭ دەردىدە ھەسرەتلەريۈتۈپ ،
سىنى مەسخىرە ئەتكەن كۈلكىلەر ئۈچۈن .
نە بۇنچە كۈيەرسەن ئىيتقىنا يۈرەك ،
چىن ۋاپانى بىلمىگەن يۈزسىزلەر ئۈچۈن .
ساقلاپ يەنە ساداقەت بەرگىنىڭ بىلەن ،
تاشلاپ سىنى كەتتى ئۇ ئۆزگىلەر ئۈچۈن .
نە بۇنچە كۈيەرسەن ئىيتقىنا يۈرەك ،
بولدى قىلغىن ئاھ ئۇرما كەتكەنلەر ئۈچۈن .
كۆيگىن سەنمۇ ئىشقىدا ھەتتا كۈل بولۇپ ،
قەدىرلىك دەپ قەدرىڭگە يەتكەنلەر ئۈچۈن .
ياسىنجان سەلەيئاخۇن …… كۈنەس ناھىيە ……
2015 .يىل 9 .ئاينىڭ 6 .كۇنى
| 136 قېتىم كۆرۈلدى | 18699977794 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-9-7 16:46:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|