نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ - غۇلامىدىن مەردان تالىبىي

نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ

 

غۇلامىدىن مەردان تالىبىي

 

كۈندۈزلىرى دەرتكە پاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ،

 ئاخشاملىرى بەك كەچ ياتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.

دەرتلىرىڭگە دەرتنى قاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ،

دەپ باققىنە نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.

 سېغىنىشتا ئۆتەر ئىكەن كۈنلۈرۈڭ،

ھەم ئۇيقۇ يوق تاڭ ئاتاركەن تۈنلۈرۈڭ.

 دەرسخانىدا چىقماس ئىكەن ئۈنلۈرۈڭ،

 ئېيتقىنا بىر نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ. 

 بىر كۈنۈڭمۇ خوشال-خورام ئۆتمەس ئىكەن،

 ھەرخىل خىيال ئويلىرىڭ كەتمەس ئىكەن.

شاخى ئىگىز قوللىرىڭ يەتمەس ئىكەن،

 بولدى قىلغىن نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ. 

 تېخى بولمىغان ئەتتىگەندە خەت يازمىساڭ،

 ئىسىل يىزىپ كۆڭۈللىرىنى ھەم قازمىساڭ.

بۇ ئىشلار يوق مۇھاببەتكە گەر ئازمىساڭ،

جاپا ئارتىپ نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.

 بىلسەڭ خۇددى ئۇشۇق ئاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ،

 لاتارىيەدە چەكنى تارتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.

ئۇتىشىڭدىن ئۇتتىرىشىڭ كۆپ ئىكەن،

شۇڭا دەيمەن نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىـشىپ.

دارا يوقمۇ بۇ كۆڭۈلنى ياندۇرار،

 مۇھاببەتتىن سىنى ئەسلا تاندۇرار.

ھەقتە ماڭساڭ خۇشاللىققا قاندۇرار،

 قايت يولۇڭغا نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.

 ھەقىقەتەن شىرىن ئىكەن مۇھاببەت،

 مۇھاببەتلەشسەڭ ئەمما لىكىن باسار دەرت.

ئەڭ ياخشىسى مۇھاببەتتىن يىراق كەت،

 ئويلاپ باقە نىم قىلاتتىڭ مۇھابەتلىشىپ.

خەير دەپتى قېلىپ قالدىڭ ئاھ ئۇرۇپ،

 تاپالمىدىڭ ئاندىن يۇرتنى ئاختۇرۇپ.

بۇ دەرتلەردە خازان بولدۇڭ ئاھ قۇرۇپ،

 ساراڭمۇسەن نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ. 

 قاچساڭ دەرتتىن مۇھاببەتتىن پەرھىز تۇت،

 يارنىڭ ئەمەس ئاتا-ئاناڭ كۆڭلىنى ئۇت.

ئاشۇ چاغدا باشلىرىڭغا قونار قۇت،

شۇنداق قىلغىن، نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ .

 نىكاھسىز مۇھاببەتنى رەب خالىماس،

ئىنسانلارغا زىيىنى كۆپ دەپ خالىماس.

 ھالاللاپ ئالامىساڭ ھەي يارىماس،

 ئېيتە قېنى نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.





131 قېتىم كۆرۈلدى talib ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-17 16:27:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ