ئىز - دىيانەت

 ئىز 
يازغۇچى:  دىيانەت 
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئەجدادىمىز پارلاق يولنى قالدۇرغانتى ئىز،
كېچە كۈندۈز كىتاب ئۇقۇپ ئىشىغانتى تىز.
كىيىن چۇقـــۇم داۋام قىــلار نەۋرىمىز دىسە،
بۈگۈن كۈندە niceئويناپ ئۇنتۇلماقتا بىز.

ۋىجدان ئۈچۈن جان بەرگەنتى ئاتا بوۋىمىز،
ئىپپەت ئۈچۈن قان تۆككەنتى ھەتتا ئانىمىز.
قان بەدلىگە مىراس قالغان ئىسىل ئەخلاقنى،
بۈگۈن كۈندە nice ئوينـــاپ يوقاتماقتا بىز.

ئېچىلماستىن ئىشـــكاپلاردا تۇرماقتا كىتاب،
ئۇقۇپ كۆرمەي ئوغۇل قىزلار بولماقتا بىتاپ.
دائىم ئۇقۇڭ كىتابنى چاڭ باسمىسۇن دىسە،
بۈگۈن كۈندەnice ئويناپ باستۇرماقتا بىز.

ئادەم قىلىـپ ياراتقــانتـى بىزنــــى خۇدايىم،
ئەلچىلەردىن قالدۇرغــانتى ئىزنى ھەردائىم.
ئاگاھ بۇلۇڭ شەيتانلارغا ئەگەشمەڭ دىسە،
بۈگۈن كۈندەniceئويناپ ئەگەشمەكتە بىز.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
2016-12-17-كورلا.
     





80 قېتىم كۆرۈلدى DiyanaT ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-19 3:29:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-22 11:57:44 ساۋۇت سەدەن
ياخشى يېزىپسىز 🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ