قىرىنداش
ئىلمىنۇر
ھاياتىڭدا كەم بۇلسا بۇلمايدىكەن قىرىنداش ،
پىراقىڭدا يالغاندىن كۆيمەيدىكەن قىرىنداش .
ئاسمىنىڭدا ئاي كەبى يورىيدىكەن قىرىنداش ،
يوللىرىڭغا گۈل تىزىپ ھارمايدىكەن قىرىنداش .
چىن يۈرەكتىن تەمەسىز سۆيىدىكەن قىرىنداش ،
يىغلىغاندا تەڭ يىغلاپ كۈلمەيدىكەن قىرىنداش .
ھەسرىتىڭگە مۇڭ بۇلۇپ ياشايدىكەن قىرىنداش ،
سەن كۈلگەندە تەڭ كۈلۈپ كىتەر ئىكەن قىرىنداش .
سەن يىراققا كەتكەندە ئەسلەيدىكەن قىرىنداش ،
پىراقىڭدا ئۆزىنى بەزلەيدىكەن قىرىنداش .
،سىغىنىشتا مۇڭ ھەسرەت قىلار ئىكەن قىرىنداش
سېنى ئويلاپ كېچىسى ياتالماسكەن قىرىنداش .
ساڭا ياۋ ئوق كەلگەندە توسۇيدىلەن قىرىنداش ،
مەيدىسىنى كەڭ كېرىپ چىقار ئىكەن قىرىنداش .
مۇشەققەتتىن سەن ئۈچۈن قورۇقمايدىكەن قىرىنداش ،
ۋاقتى كەلسە بىر كۈنى ئەسقاتاركەن قىرىنداش .
پۈتۈن ئالەم قارلىسا ئاقلايدىكەن قىرىنداش ،
پۈتۈن ئادەم تاشلىسا يوقلايدىكەن قىرىنداش .
پۈتۈن دوستۇڭ ئۇنوتسا ئەسلەيدىكەن قىرىنداش ،
ۋاقتى كەلسە يارىڭدىن يىقىنراقكەن قىرىنداش .
بەختىڭ بىلسەڭ قىرىنداش ھاياتىڭدا ئۇ مۇڭداش ،
پىنھان بولغان سىرىڭغا ھىلىھەممۇ ئۇ سىرداش .
چوڭ سۆزلىمە ئۇنىڭسىز ياشالمايسەن ھەرگىزمۇ ،
بۇ ھاياتتا يەنىلا ئۇ بولىدۇ چىن يولداش .
2017 يىلى 3ئاينىڭ 19كۈنى مارت .
| 82 قېتىم كۆرۈلدى | ئىلمىنۇر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-20 1:46:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|